添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置: 维文裁判文书 -> 民事文书

(2016) ش 3123 ھ د 178- نومۇرلۇق

2016-08-31 17:13:29


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

يېڭسار ناھيىلىك خەلق سوت مەھكمىسىنىڭ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

يېڭسار ناھيىلىك خەلق سوت مەھكمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

                   (2016) ش 3123 ھ د 178- نومۇرلۇق

دەۋاگەر يxx شىركىتى.( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ يىڭسار شىننوڭ شىركىتى دىيلىدۇ)

جايلاشقان ئورنى يىڭسار ناھىيە قىزىل يولى (ئوت ئىلكتىر ئىستانسىسىنىڭ يېنىدا ) .

ۋاكالەت نۇمۇرى 2-05315633

قانۇندا بەلگۈلەنگەن ۋەكىلى جېىڭ xx، مەزكۇر شىركەتنىڭ باش دىرىكتۇرى.

ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى ليۇۋxx، ئەر، خەنزۇ، 1957- يىلى 11- ئاينىڭ 27- كۈنى تۇغۇلغان،يىڭسار ناھىيسدە ئولتۇرۇشلۇق.

جاۋاپكار شxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1975- يىلى 8- ئاينىڭ 20- كۈنى تۇغۇلغان،يىڭسار ناھىيسدە ئولتۇرۇشلۇق.

مەھكىممىز دەۋاگەر يxx شىركىتىنىڭ جاۋاپكار شxx ئۈستىدىن دەۋا قىلغان سېتىش- سېتۋىلىش توختام ماجراسى دىلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كىين قانۇن بويچە ئاددى تەرتىپ بىلەن ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى، دەۋاگەر يxx شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى لxx سوتقا كىلىپ دەۋا پائالىيىتىگە قاتناشتى، جاۋاپكار شxxگە سوتقا قاتنىشش توغرسدىكى چاقرىق قەغىزى يەتكۈزۈلگەن بولسىمۇ سوتقا سەۋەپسىز قاتناشمىدى، ھازىر بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشتى.

دەۋاگەر يxx شىركىتى ئەرزىدە « جاۋاپكار شxx 2013- يىلى 4- ئاينىڭ 3- كۈنى شىركتمىزىگە كېلىپ بىر دانە دوڭفېىڭ ماركلىق 250 تىپلىق تىراكتۇرنى 27700 يۈەنگە سېتۋىلپ، شۇ كۈنى 20000 يۈەن بېرىپ، 7700 يۈەننى 2013- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈندىن بۇرۇن بېرىپ بولدىغان، ئەگەر ۋاقتىدا بېرىپ بولالمىسا كېچىكتۈرگەن ھەر كۈنى ئۈچۈن ‰5 دىن ئۆسۈم تۆلەيدىغان بولۇپ توختام ئىمزالاپ تىراكتۇرنى ئېلىپ كەتكەن ئىدى، شىركتىمىز جاۋاپكار شxxدىن بىر قانچە قېتىم پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ جاۋاپكار شxx تۈرلۈك باھانە سەۋەپلەرنى كۆرستىپ ھازىرغىچە قايتۇرمىدى، شۇڭا سوت مەھكمسى تەكشۈرۈپ (1) جاۋاپكار شxx شىركتىمىزىگە قايتۇرۇشقا تېگشلىك تىراكتۇرنىڭ نېسى پۇلى 7700 يۈەننى ئېلىپ بەرسە. (2) توختامدىكى پۈتۈم بويىچە 2013- يىلى 5- ئاينىڭ 16- كۈندىن 2016- يىلى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى سوت ئېچىلغىچە بولغان مەزگىلدىكى كېچىكتۈرۈش جەرىمانسى ئۈچۈن 7700 يۈەننىڭ ھەر كۈنىگە ‰5دىن 1075 كۈنىگە 41387.5 يۈەن ئېلىپ بەرسە، دىلو قۇبۇل قىلش ھەققىنى جاۋاپكار شxx ئۈستىگە ئېلىپ تۆلسە» دىگەن.

يىxx شىركىتى سوتقا تاپشۇرغان دەلىل-ئىسپاتلار:

  1 . بىر پارچە تىراكتۇر سېتۋىلىش توختامى: جاۋاپكار شxxنىڭ 2013- يىلى 4- ئاينىڭ 3- كۈنى دەۋاگەر يxx شىركىتىدىن 27700 يۈەنگە بىر دانە تىراكتۇر سېتۋىلىپ تىراكتۇر سېتۋىلىش توختامى ئىمزالاپ 20000 يۈەننى بېرىپ 7700 يۈەننى نېسى قالغانلىقى،توختامدا بۇ 7700 يۈەننى 2013- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈندىن بۇرۇن بېرىپ بولدىغانلىقى، ئەگەر ۋاقتىدا قايتۇرمىسا دەۋاگەر يxx شىركىتى ۋاقتىدا قايتۇرىمىغان قەرىز پۇلنىڭ ئۆسۈمدىن باشقا، قايتۇرۇش ۋاقتىنى كەينىگە سۆرىگەن ئومۇمى قەرىز سوممسىنىڭ ھەر كۈنلىكى ئۈچۈن ‰5 جەرىمانە ئۆسۈم ھېساپلاشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلكىنى پۈتۈشكەنلكىنى ئىسپاتلايدۇ.

بۇ دەلىل ئىسپاتنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق بولۇپ دىلو پاكىتى بىلەن ماس كەلگەنلكى ئۈچۈن مەھكىممىز يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلق كۈچىنى مۇئەييەنلەشتۈردۇ.

 سوت قىلىپ ئېنىقلىشمىزچە: جاۋاپكار شxx 2013- يىلى 4- ئاينىڭ 3- كۈنى دەۋاگەر يxx شىىركىتى بىلەن توختام ئىمزالاپ يxxشىركىتىدىن دوڭفېىڭ ماركلىق 250 تىپلىق تىراكتۇرنى 27700 يۈەنگە سېتۋىلىپ شۇ كۈنى 20000 يۈەن بېرىپ 7700 يۈەننى نېسى قىلغان ، توختامدا بۇ 7700 يۈەننى 2013- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈندىن بۇرۇن قايتۇردىغان، ئەگەر ۋاقتىدا قايتۇرمىسا دەۋاگەر يxx شىركىتى ۋاقتىدا قايتۇرىمىغان قەرىز پۇلنىڭ ئۆسۈمدىن باشقا، قايتۇرۇش ۋاقتىنى كەينىگە سۆرىگەن ئومۇمى قەرىز سوممسىنىڭ ھەر كۈنلىكى ئۈچۈن ‰5 جەرىمانە ئۆسۈم ھېساپلاشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلكىنى پۈتۈشكەن، دەۋاگەر يxx شىركىتى جاۋاپكار شxxدىن بىر قانچە قېتىم قەرىز سۈيلىگەن بولسىمۇ جاۋاپكار شxxنىڭ ھازىرغىچە قايتۇرمىغانلىقى ئىنىقلاندى.

  مەزكۇر دىلودىكى تالاش-تارتىشنىڭ تۈگۈنى دەۋاگەر داۋا تەلپىدە ئوتتۇرىغا قويغان 7700 يۈەن ۋە جەرىمانە ئۆسۈمى 41387.5 يۈەننى جاۋاپكار قايتۇرۇشقا تېگشلكمۇ-ئەمەسمۇ؟ دىگەندىن ئىبارەت.

مەھكىممىز مۇنداق قاردى: قانۇنلۇق ھەقدارلىق قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى قانۇن بويىچە قوغدىلدۇ، سوتتا تەكشۈرۈپ ئىنىقلانغان پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا جاۋاپكار شxx دەۋاگەر يxx شىركىتىدىن 27700 يۈەنگە تىراكتۇر سېتۋىلىپ 20000 يۈەننى بېرىپ قالغان 7700 يۈەننى نېسى قىلغان بولۇپ، توختامدا پۈتۈشكەن قايتۇرۇش مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ھازىرغىچە قايتۇرمىغان، دەۋاگەر يxx شىركىتنىڭ جاۋاپكار شxxدىن 7700 يۈەننى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلشنىڭ قانۇنى ئاساسى بار، قوللاشقا بولدۇ.

جەرىمانە ئۆسۈمى 41387.5 يۈەن مەسلىسدە: تەرەپلەر تۈزۈشكەن تىراكتۇر سېتۋىلىش توختامىدا، ئەگەر جاۋاپكار شxx پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرمىسا دەۋاگەر يxx شىركىتى ۋاقتىدا قايتۇرىمىغان قەرىز پۇلنىڭ ئۆسۈمدىن باشقا، قايتۇرۇش ۋاقتىنى كەينىگە سۆرىگەن ئومۇمى قەرىز سوممسىنىڭ ھەر كۈنلىكى ئۈچۈن ‰5 جەرىمانە ئۆسۈم ھېساپلاشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلكىنى پۈتۈشكەن، دەۋاگەر يxx شىركىتى تەرەپلەر تۈزۈشكەن توختامدىكى پۈتۈم بويىچە 2013- يىلى 5- ئاينىڭ 16- كۈندىن 2016- كۈنى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى سوت ئېچىلغىچە بولغان مەزگىلدىكى كېچىكتۈرۈش جەرىمانسى ئۈچۈن ھەر كۈنىگە ‰5دىن 1075 كۈنىگە 41387.5 يۈەن جەرىمانە ئۆسۈمنى تاپشۇرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ كېچكتۈرگەن مەزگىلدىكى يىللىق ئۆسۈمى قانۇندا بەلگلەنگەن % 24 دىن ئېشىپ كەتكەن، 7700 يۈەننىڭ يىللىق ئۆسۈمىنى %24 تىن ھېساپلىغاندا كېچىكتۈرگەن مەزگىلدىكى ئۆسۈمى 5544 يۈەن بولۇپ، جاۋاپكار شxx 7700 يۈەنگە ئۆسۈمى 5544 يۈەننى قوشۇپ جەمئىي 13244 يۈەننى دەۋاگەر يxx شىركىتىگە قايتۇرىشى كېرەك، دەۋاگەر يxx شىركىتى تەلەپ قىلغان كچېكتۈرگەن مەزگىلدىكى ئۆسۈمى 41387.5 يۈەننىڭ 5544 يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى قوللاشقا بولمايدۇ، رەت قىلىش كېرەك، جاۋاپكار شxxگە سوتقا قاتنىشىش توغرسدىكى چاقىرىق قەغىزى يەتكۈزۈلگەن بولسىمۇ سەۋەپسىز سوتقا قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن سوت سىرتىدىن ھۆكۈم چقىرىشقا تېگشلىك، دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى» نىڭ 90- ماددىسى، 108-ماددىسى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيتى توختام قانۇنى» نىڭ 114- ماددىسى، ئالىي خەلىق سوت مەھكمسنىڭ « ئەل- ئارا قەرىز ماجرالىرى دىلوسىنى سوت قىلشتا قانۇن تەدبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسلىلەر توغرسدىكى بەلگلىمە » نىڭ 29- ماددىسى،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 144- ماددىسىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلدۇ:

1. جاۋاپكار شxx مەزكۇر ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولۇپ ئون كۈن ئىچىدە دەۋاگەر يxx شىركىتىگە 7700 يۈەنگە ئۆسۈمى 5544 يۈەننى قوشۇپ جەمئىي 13244 يۈەننى قايتۇرسۇن.

ئەگەر جاۋاپكار شxx 13244 يۈەننى دەۋاگەر يىxx شىركىتىگە بەلگۈلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە بەرمىسە « جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 253- ماددسدىكى بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن، كېچكتۈرگەن مەزگىلدىكى ئۆسۈمىنى ھەسسىلەپ تۆلەيدۇ.

2. دەۋاگەر يىxxشىركىتىنىڭ قالغان دەۋا تەلىۋى رەت قىلنسۇن.

دىلو قوبۇل قىلىش ھەققى 50 يۈەننى جاۋاپكار شxx ئۈستىگە ئالسۇن.

مەزكۇر ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15كۈن ئىچدە مەھكىممىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازلىق ئەرىز بەرسە بولدۇ، نارازلىق ئەرىز بەرگەندە نارزلىق ئەرىز خېتنىڭ ئەسلى نۇسقىسىدىن بىر پارچە، كۆپەيتىلگەن نۇسقىسىدىن ئۇچ پارچە قوشۇپ تاپشۇرشى كېرەك

         

مۇۋەققەت سوتچى:

     2016 –يىلى 5–ئاينىڭ 23-كۇنى

پۈتۈكچى :

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆英吉沙县人民法院
关闭窗口
立案咨询:0998-3623669   信访咨询:0998-3623669   投诉举报:0998-3629969   地址:英吉沙县色提力路19号   邮编:844500  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2