添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置: 维文裁判文书 -> 民事文书

(2016) ش 3123 ھ د 85- نومۇرلۇق

2016-08-31 17:24:37


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

يېڭسار ناھيىلىك خەلق سوت مەھكمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

     (2016) ش 3123 ھ د 85- نومۇرلۇق

  دەۋاگەر ييxx كوپراتىپى.

جايلاشقان ئورۇن: يېڭسار ناھيە ماڭشىن يولى 80- نومۇرلۇق قورۇ.

ۋاكالەت نۇمۇرى-x 71082758

  قانۇنى ۋەكىلى تxx، يxxكوپراتىپىنىڭ ئىجرائىيە كېڭەش لىدىرى.

  ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى ئاxx، يxxكوپراتىپى مۇئاۋىن مۇدىرى.

  جاۋاپكار ئېxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1966- يىلى 4- ئاينىڭ 21- كۈنى تۇغۇلغان، يىڭسار ناھىيسدە ئولتۇرۇشلۇق.

جاۋاپكار ئاxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1969- يىلى 5- ئاينىڭ 3- كۈنى تۇغۇلغان، يىڭسار ناھىيسدە ئولتۇرۇشلۇق.

ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى قxx، ئايال، ئۇيغۇر، 1956- يىلى 4- ئاينىڭ 21- كۈنى تۇغۇلغان، يىڭسار ناھىيسدە ئولتۇرۇشلۇق.(جاۋاپكار ئاxxنىڭ ئايالى )

جاۋاپكار مxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1973- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى تۇغۇلغان، يىڭسار ناھىيسدە ئولتۇرۇشلۇق.

جاۋاپكار مxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1963- يىلى 6- ئاينىڭ 8- كۈنى تۇغۇلغان، يىڭسار ناھىيسدە ئولتۇرۇشلۇق.

جاۋاپكار ئابxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1963- يىلى 8- ئاينىڭ 22- كۈنى تۇغۇلغان، يىڭسار ناھىيسدە ئولتۇرۇشلۇق.

مەھكىمىمىز دەۋاگەر يxxكوپراتىپىنىڭ جاۋاپكار ئېxx، ئاxx، ممxx، مىمxx، ئابxxئۈستىدىن دەۋا قىلغان قەرىز توختام ماجىراسى دىلوسىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە سوتچى ۋە زاستاتىللاردىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ ئوچۇق سوت قىلدى. دەۋاگەر يxx كوپراتىپىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى ئاxx، جاۋاپكار ئېxx، ئاxx، ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى قxx، جاۋاپكار مxx، جاۋاپكار مىمxx، ئابxxسوتقا كېلىپ دەۋا پائالىيتىگە قاتناشتى. ھازىر بو دىلو سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

دەۋاگەر يxx كوپراتىپى ئەرزىدە «بىز جاۋاپكار ئېxxنىڭ قەرىز پۇل ئېلىش ئىلتىماسىغا ئاساسەن؛ 2010- يىلى 4- ئاينىڭ 14- كۈنى جاۋاپكار ئېxxبىلەن قەرىز پۇل توختامى، جاۋاپكارئاxx، ممxx، مىمxx، ئابxxبىلەن قەرىز پۇل كاپالەت توختامى ئىمزالاپ، ئېxxنىڭ توپا ئىتترىش ماشنىسى سېتۋىلىشى ئۈچۈن 250000 يۈەن قەرىز پۇل بەرگەن ئىدۇق. قەرىز پۇلنىڭ مۇددىتى 2010- يىلى 4- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 2013- يىلى 3- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە ئۈچ يىل ئىدى. قەرىز توختامىدا ئۆسۈم نىسبىتى % 8.1 پۈتۈشكەن ئىدۇق. يۇقارقى قەرىز پۇلنىڭ مۇددىتى توشۇپ بىز جاۋاپكارلاردىن بىر قانچە قېتىم قەرىزنى سۈيلىگەن بولساقمۇ جاۋاپكار ئېxxقەرىز پۇلنىڭ دىرىغا قارىتا 13765 يۈەن قايتۇرىدى، قالغان قەرىز پۇلنى تۈرلۈك باھانە سەۋەپلەرنى كۆرسىتپ ھازىرغىچە قايتۇرىمىدى. شۇڭا سوت مەھكىمىسى جاۋاپكار ئېxxئالغان 250000 يۈەن قەرىز پۇلنىڭ دىرى 236235 يۈەن ، ئۆسۈمى 135794.22 يۈەن، جەمئىي 372029.22 يۈەننى دەۋا ھەققى بىلەن قوشۇپ جاۋاپكارلاردىن ئېلىپ بەرسە » دىگەن.

جاۋاپكار ئېxxدەۋاگەر يxxكوپراتىپىنىڭ ئەرزىگە « مەن 2010- يىلى 4- ئاينىڭ 14- كۈنى دەۋاگەر يxx كوپراتىپى بىلەن قەرىز توختامى ئىمزالاپ 250000 يۈەن قەرىز ئالغانلقىم راسىت، يۇقارقى قەرىز پۇلغا قارىتا جاۋاپكار ئاxx، ممxx، مىمانشا غوپۇر. ئابxxقاتارلىقلار كېپىل بولغان ئىدى، كېپىللىك توختامى ئىمزالىغاندا جاۋاپكار ئاxxنىڭ ئەقلى- ھوشى جايىدا بولۇپ ئىككى يىل بۇرۇن نىرۋىسى ئاجىزلاپ ئۆزىنىڭ پىكرىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، مەن 250000 يۈەن قەرىز ئالغاندىن كىين مەن بىر دانە توپا ئۇسسۇش ماشنىسى سېتۋالغان ئىدىم، توپا ئۇسسۇش ماشنىسى تاغدا ئۆرۈلۈپ كېتىپ ئىقتىسادى جەھەتتە زىيان تارتىپ 250000 يۈەن قەرىزىگە قارىتا 16000 يۈەن قايتۇرغان بولساممۇ قالغان قەرىز پۇلنى قايتۇرالمىدىم، دەۋاگەر يxxكوپراتىپى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلتىپ بەرسە، قەرىزنى مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرسام. » دىگەن.

جاۋاپكار ئاxxنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى قxx دەۋاگەر يxx كوپراتىپىنىڭ ئەرزىگە « مېنىڭ يولدۇشۇم ئاxxنىڭ جاۋاپكار ئېxxدەۋاگەر يxx كوپراتپىدىن قەرىز ئالغان 250000 يۈەنگە كېپىل بولغانلقىدىن خەۋرىم يوق، يولدۇشۇم ئاxxنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماي نېرۋىسى ئاجزىلاپ قالغىلى ئۈچ يىل بولدى، ئۆزىنىڭ پىكرىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، شۇڭا سوت مەھكمسى يولدۇشۇم ئاxxنى كېپىللكتىن چقىرۋەتسە. » دىگەن.

جاۋاپكار ممxx دەۋاگەريxxكوپراتىپىنىڭ ئەرزىگە « جاۋاپكار ئېxx2010- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى دەۋاگەر يxxكوپراتپىدىن 250000 يۈەن قەرىز ئالغاندا كېپىل بولغانلقىم راسىت، ئەينى ۋاقىتتا مەن، جاۋاپكار ئاxx، ممxx، ئابxxقاتارلىقلار بىرلىكتە جاۋاپكار ئېxxنىڭ ئالغان قەرىزىگە كېپىل بولغان، ئاxxنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئەقلى ھوشى جايىدا بولۇپ كېپىللىك توختىمى ۋە كېپىللىك ھۆججتىگە ئۆزى ئىمزا قويۇپ بارمىقىنى باسقان، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا كېسەل بولۇپ قېلىپ نىرۋىسى ئاجىزلاپ قالدى، مەن كېپىللىك مەجبۇريىتىمنى ئادا قىلىپ قالغان جاۋاپكارلار بىلەن بىرلىكتە قەرىزنى قايتۇرىمەن. » دىگەن.

جاۋاپكار مىمxx دەۋاگەر يxxكوپراتىپىنىڭ ئەرزىگە « جاۋاپكار ئېxxدەۋاگەر يxx كوپراتپىدىن 250000 يۈەن قەرىز ئالغاندا كېپىل بولغانلىقىىم راسىت، ئەينى ۋاقىتتا مەن، جاۋاپكار ئاxx، ممxx، ئابxx قاتارلىقلار بىرلىكتە جاۋاپكار ئېxxنىڭ ئالغان قەرىزىگە كېپىل بولغان، ئاxxنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئەقلى ھوشى جايىدا بولۇپ كېپىللىك توختىمى ۋە كېپىللىك ھۆججتىگە ئۆزى ئىمزا قويۇپ بارمىقىنى باسقان، مەن كېپىللىك مەجبۇريتىمنى ئادا قىلىمەن » دىگەن.

جاۋاپكار ئابxxدەۋاگەر يxxكوپراتىپىنىڭ ئەرزىگە « جاۋاپكار ئېxx دەۋاگەر يxx كوپراتپىدىن 250000 يۈەن قەرىز ئالغاندا كېپىل بولغانلقىم راسىت، ئەينى ۋاقىتتا مەن، جاۋاپكار ئاxx، ممxx، ئابxxقاتارلىقلار بىرلىكتە جاۋاپكار ئېxxنىڭ ئالغان قەرىزىگە كېپىل بولغان، ئاxxنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئەقلى ھوشى جايىدا بولۇپ كېپىللىك توختىمى ۋە كېپىللىك ھۆججتىگە ئۆزى ئىمزا قويۇپ بارمىقىنى باسقان، دەۋاگەريxx كوپراتىپى مەندىن قەرىز سۈيلىمدى، شۇڭا مەنمۇ جاۋاپكار ئېxxنىڭ قەرىزنى قايتۇرغان قايتۇرمىغانلىقىنى بىلمگەچكە كېپىللىك مەجبۇريتىمنى ئادا قىلىپ جاۋاپكار ئېxxنىڭ قەرىز قايتۇرشىىغا ھەيدەكچلىك قىلالمىدىم، مەن كېپىللىك مەجبۇريتىمنى ئادا قىلىپ جاۋاپكار ئېxxنىڭ قەرىزنى قايتۇرشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن. » دىگەن.

دەۋاگەريxx كوپراتىپىنىڭ سوتقا تاپشۇرغان دەلىل- ئىسپاتلىرى:

1. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى

(1) گۇۋاھچى ساxx سىيىت گۇۋاھلىق سۆزىدە 2010- يىلى ئۆزىنىڭ سۆگەت يېزىلىق ئامانەت قەرىز ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپراتپىنىڭ مۇدىرى ئىكەنلىكى، ئېxxنىڭ قەرىز ئېلىش ئىلتىماسىغا ئاساسەن جاۋاپكار ئېxxغا 250000 يۈەن قەرىز بېجىرىپ بەرگەنلىكى، جاۋاپكار ئاxx، ممxx، مىمxx، ئابxxقاتارلىقلارنىڭ كېپىل بولۇپ كېپىلىلىك توختامىغا ئىمزا قويغانلىقى، جاۋاپكار ئاxxنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئەقلى- ھوشى جايدا بولۇپ كېپىللىك ھۆججتى ۋە كېپىللىك توختامىغا ئۆزى ئىمزا قويۇپ بارمقىنى باسقانلىقى، قەرىز پۇلنى قايتۇرۇش مۇددىتى توشقاندىن كىين جاۋاپكار ئېxxدىن كۆپ قېتىم قەرىز سۈيلىگەن بولسىمۇ ئېxxقەرىز پۇلنىڭ دىرىغا قارىتا 14000 يۈەن قايتۇرۇپ قالغان 236000 يۈەننى قايتۇرمىغانلىقى، ئېxxنىڭ مۈلۈكىلرىدىن ئىككى دانە توپا ئىتترىش ماشنىسى 70 مو تېرلىغۇ يېرى بولۇپ قەرىزنى قايتۇرالمىسا ئۆزىنىڭ يۇقارقى مۈلۈكىلرى بىلەن قەرىزنى قايتۇرىمەن دىگەن بولسىمۇ ھازىرغىچە قەرىزنى قايتۇرالمىغانلىقى، ئۆزىنىڭ جاۋاپكار ئېxxۋە كېپىل بولغۇچىلاردىن ھەر يىلى قەرىز سۈيلىگەنلكىنى بايان قىلدۇ.

يۇقارقى گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنى جاۋاپكار ئېxxئېتراپ قىلىدۇ، جاۋاپكار ئاxxنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى قxx، ممxx، مىمxx، ئابxxقاتارلىقلار گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزدىن قەرىز سۈيلىگەن قىسمدىن باشقا قىسمنىڭ راسلقىنى ئېتراپ قىلىدۇ، يۇقارقى گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى باشقا دەلىل- ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلانغانلىقى ئۈچۈن مەھكمىمىز گۇۋاھچى ساxx سىيتىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنىڭ راسلقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

2. يازما ئىسپات

(1) بىر پارچە قەرىز پۇل ئېلىش ئىلتىماسى ۋە بىر پارچە قەرىز پۇل توختامى، بىر پارچە قەرىز پۇل ۋېكسىلى

جاۋاپكار ئېxxتوپا ئىتترىش ماشنىسى سېتۋلىش ئۈچۈن دەۋاگەريxx كوپراتىپىىغا 250000 يۈەن قەرىز ئېلىش ئىلتىماسى سۇنغانلىقىنى، 2010- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى دەۋاگەر ييxx كوپراتىپى بىلەن جاۋاپكار ئېxxقەرىز پۇل توختامى ئىمزالاپ جاۋاپكار ئېxx250000 يۈەن قەرىز ئالغانلىقى، قەرىز توختامدا قەرىز پۇل قەرەلىنىڭ 2010- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈندىن 2013- يىلى 3- ئاينىڭ 20- كۈنگىچە ئۈچ يىل بولدىغانلىقى، قەرىز پۇلنىڭ ئۆسۈمى نىسبتىنىڭ% 8.1 بولدىغانلقىنى پۈتۈشكەنلكىنى ئىسپاتلايدۇ. جاۋاپكار ئېxxممxx، مىمxx، ئابxx ئېتراپ قىلىدۇ، جاۋاپكار ئاxxنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى قxx « يولدۇشۇمنىڭ جاۋاپكار ئېxxنىڭ قەرىزىگە كېپىل بولغانلقىدىن خەۋرىم يوق» دەپ ئېتراپ قىلمايدۇ، جاۋاپكار ئاxxنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى قxx ئېتراپ قىلماسلىىققا قارىتا قارشى دەلىل- ئىسپات كۆرستىپ بېرەلمىگەنلىكى ھەم يۇقارقى دەلىل- ئىسپات باشقا دەلىل- ئىسپات ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ئارقلىق ئىسپاتلانغانلىقى ئۈچۈن مەھكمىمىز يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچىنى بىكتىدۇ.

(2) تۆت پارچە كېپىللىك ۋەدىنامىسى ۋە تۆت پارچە قەرىز پۇل كاپالەت توختامى.

جاۋاپكار ئاxx، ممxx، مىمxx، ئابxx ئەگەر جاۋاپكار ئېxxيۇقارقى قەرىز پۇلنى قايتۇرمىسا، ئۆزلىرىنىڭ چاتما جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ شەخسى مال- مۈلۈكى بىلەن قەرىز قايتۇردىغانلىقى توغرسدا كېپىللىك ۋەدىنامىسى يېزىپ دەۋاگەر يxx كوپراتىپى بىلەن كېپىللىك توختامى ئىىمزالىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. جاۋاپكار ئېxx، ئاxxنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى قxx، ممxx، مىمxx، ئابxxئېتىراپ قىلىدۇ، مەھكىمىمىز يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

(3) ئالتە پارچە قەرىز پۇل سۈيلەش ئۇقتۇرىشى

دەۋاگەر يxx 2012- يىلى 11- ئاينىڭ 19- كۈنى،2013- يىلى 2- ئاينىڭ 19- كۈنى، 2013- يىلى 2- ئاينىڭ 20- كۈنى ، 2015- يىلى 1- ئاينىڭ 17- كۈنى. 2015- يىلى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى، 2015- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنى ئالتە قېتىم جاۋاپكار ئېxxۋە جاۋاپكار مىمxx، ئابxxقاتارلىقلاردىن قەرىز پۇلنى سۈيلىگەنلكىنى ئىسپاتلايدۇ. جاۋاپكار ئېxxئېتراپ قىلىدۇ، جاۋاپكار ئاxxنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى قxx، ممxx، مىمxx، ئابxxلار « دەۋاگەر يxxكوپراتىپى بىزدىن قەرىز سۈيىلمىگەن » دەپ ئېتراپ قىلمايدۇ، جاۋاپكار ئاxxنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى قxx، ممxx، مىمxx، ئابxxلار ئېتراپ قىلماسلىىققا قارىتا قارشى دەلىل- ئىسپات كۆرستىپ بېرەلمىگەنلىكى ھەم يۇقارقى دەلىل- ئىسپات گۇۋاھچىىنڭ گۇۋاھلىق سۆزى ئارقلىق ئىسپاتلانغانلىقى ئۈچۈن مەھكمىمىز يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچىنى بىكتىدۇ.

سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋاپكار ئېxxتوپا ئۇسسۇش ماشنىسى سېتۋىلىش ئۈچۈن دەۋاگەر ييxx كوپراتىپىغا 250000 يۈەن قەرىز پۇل ئېلىش ئىلتىماسى سۇنغان، 2010- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى جاۋاپكار ئېxxنىڭ قەرىز ئېلىش ئىلتىماسىغا ئاساسەن، يxxكوپراتىپى ئېxxبىلەن بىر پارچە قەرىز پۇل توختامى، ئاxx، ممxx، مىمxx، ئابxxبىلەن تۆت پارچە قەرىز پۇل كاپالەت توختامى ئىمزالاش ئارقىلىق، ئېxxقا 250000 يۈەن قەرىز بەرگەن. قەرىز پۇل توختامىدا؛ جاۋاپكار ئېxxيxxكوپراتىۋىدىن قەرىز ئالغان 250000 يۈەننىڭ قەرىز پۇل قەرەلىنىڭ 2010- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈندىن 2013- يىلى 3- ئاينىڭ 20- كۈنگىچە ئۈچ يىل بولدىغانلىقى، قەرىز پۇلنىڭ ئۆسۈمى نىسبتىنىڭ% 8.1 بولدىغانلقىنى پۈتۈشكەن، قەرىز پۇل كېپىلىك ھۆججىتى ۋە كاپالەت توختامىدا؛ جاۋاپكار ئېxxئالغان قەرىز پۇلغا قارتا ئاxx، ممxx، مىمxx، ئابxxكېپىل بولغان بولۇپ، ئەگەر ئېxxقەرىزنى قايتۇرمىسا كېپىللەر ئۆزىنىڭ شەخسى مال- مۈلۈكى بىلەن قەرىز قايتۇردىغانلىقى، كېپىللىك مۇددىتىنىڭ قەرىزدارنىڭ قەرىز قايتۇرغىچە بولدىغانلىقىنى پۈتۈشكەن. كېپىللىك توختامى ئىمزالنىپ 2013- يىلىغا كەلگەندە جاۋاپكار ئاxxنىڭ نېرۋىسى ئاجىزلاپ ئۆز پىكرىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان بولۇپ قالغان. جاۋاپكار ئېxxقەرىز ئالغاندىن كېيىن، قەرىز پۇلنىڭ دىرى 250000 يۈەنگە قارىتا 13765يۈەن قايتۇرغان بولۇپ، قالغان قەرىز پۇلنىڭ دىرى 236235 يۈەن ۋە ئۆسۈمى 135794.22 يۈەنگە قارتا پۇل قايتۇرمىغانلىقى ئېنىقلاندى.

مەزكۇر دىلودىكى تالاش- تارتىشنىڭ تۈگۈنى دەۋاگەر يxxكوپراتىپىنىڭ دەۋا تەلپىدىكى 372029.22 يۈەننى جاۋاپكارلار قانداق ئۇسۇلدا تۆلەپ قايتۇرىشى كېرەك؟جاۋاپكار ئاxx جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالامدۇ يوق؟ دىگەندىن ئىبارەت.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، جاۋاپكار ئېxxدەۋاگەر يxxكوپراتىۋىدىن 250000 يۈەن قەرىز ئالغان بولسىمۇ، قەرىز پۇلنىڭ دىرىغا قارىتا 13765 يۈەن قايتۇرۇپ قالغان قەرىز پۇلنىڭ دىرى 236235 يۈەن ۋە ئۆسۈمى 135794.22 يۈەنگە قارتا پۇل قايتۇرمىغان. جاۋاپكار ئېxxقەرىزنى ئالغاندا، جاۋاپكار ئاxx، ممxx، مىمxx، ئابxxئەگەر جاۋاپكار ئېxxقەرىزنى قايتۇرمىسا ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇل بولۇپ قايتۇردىغانلىقى توغرىسىدا ئۆز رازىلىقى بىلەن كېپىللىك ۋەدىنامىسى يازغان ھەمدە كېپىللىك توختامى ئىمزالىغان. شۇڭا جاۋاپكار ئاxx، ممxx، مxx، ئابxxكېپىللىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، جاۋاپكار ئېxxقەرىز ئالغان قەرىز پۇلنىڭ دىرى 250000 يۈەندىن قايتۇرمىغان 236235يۈەن ۋە ئۆسۈمى 135794.22يۈەنگە قارىتا چاتما جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. جاۋاپكار ئاxxنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى قxx يولدۇشى ئاxxنىڭ 2013- يىلدىن باشلاپ نىرۋىسى ئاجىزلاپ قالغانلقىنى شۇڭا جاۋاپكار ئاxxنىڭ جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ جاۋاپكار ئاxx كېپللىك توختامى ئىمزالىغان ۋە كېپللىك ھۆججىتى يازغان ۋاقىتتا ئەقلى ھوشى جايدا ئىكەنلىكى، كېپللىك ھۆججىتى ۋە كېپللىك توختامىغا ئۆزى ئىمزا قويۇپ بارمقىنى باسقانلىقى، باشقا جاۋاپكارلارنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ۋە باشقا دەلىل- ئىسپاتلار ئارقلىق ئىسپاتلانغانلىقى ئۈچۈن، جاۋاپكار ئاxx كېپللىك مەسئۇليتىنى ئادا قىلىپ جاۋاپكار ئېxx ئۈستىگە ئېلىپ تۆلەيدىغان قەرىز پۇلنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىگە قارىتا چاتما جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم، قەرىز پۇلنى قانداق ئۇسسۇل بىلەن قايتۇرۇش مەسلىسىدە جاۋاپكار ئېxxقەرىز ئالغان قەرىز پۇلنىڭ دىرى 250000 يۈەندىن قايتۇرمىغان 236235يۈەن ۋە ئۆسۈمى 135794.22يۈەن، جەمئىي 372029.22 يۈەننى جاۋاپكار ئېxxقايتۇرۇشى، جاۋاپكار ئاxx، ممxx، مىمxx، ئابxxچاتما جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قاراپ« جوڭخۇا خەلق جومھۇرىيتى توختام قانۇنى» نىڭ 107- ماددىسى، 198- ماددىسى، 206- ماددىسى، «جوڭخۇا خەلق جومھۇرىيتى كېپىللىك قانۇنى» نىڭ 12- ماددىسى ۋە 21- ماددىسىدىكى بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىدۇ: 

1. جاۋاپكار ئېxxدەۋاگەريxxكوپراتىپىگە قەرىز پۇلنىڭ دىرى 236235يۈەن ۋە ئۆسۈمى 135794.22يۈەن، جەمئىي 372029.22 يۈەننى مەزكۇر ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە قايتۇرسۇن.

  2. جاۋاپكار ئېxx ئۈستىگە ئېلىپ تۆلەيدىغان قەرىز پۇلنىڭ دىرى 236235يۈەن ۋە ئۆسۈمى 135794.22يۈەن، جەمئىي 372029.22 يۈەنگە قارىتا جاۋاپكار ئاxx، ممxx، مىمxx، ئابxxچاتما جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالسۇن.

دىلو قۇبۇل قىلىش ھەققى 6880 يۈەننى جاۋاپكار ئېxxئۈستىگە ئېلىپ تۆلىسۇن.

مەزكۇر ھۆكۈمگە قايىل بولغان تەرەپ، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ. نارازىلىق ئەرز بەرگەندە، نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخسىدىن بىر پارچە كۆچۈرمىسىدىن ئۈچ پارچە تاپشۇرىشى لازىم.

               باش سوتچى:

             مۇۋەققەت سوتچى:

زاستاتىل:

            2016- يىلى 3- ئاينىڭ 23- كۈنى

                پۈتۈكچى:

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆英吉沙县人民法院
关闭窗口
立案咨询:0998-3623669   信访咨询:0998-3623669   投诉举报:0998-3629969   地址:英吉沙县色提力路19号   邮编:844500  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2