添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置: 维文裁判文书 -> 民事文书

(2016) ش 3123 ھ د 84- نومۇرلۇق

2016-09-01 11:23:12


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

يېڭسار ناھيىلىك خەلق سوت مەھكمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

                    (2016) ش 3123 ھ د 84- نومۇرلۇق

 دەۋاگەر يxxكوپراتىپى.

جايلاشقان ئورۇن: يېڭسار ناھىيە ماڭشىن يولى 80- نومۇرلۇق قورۇ.

ۋاكالەت نۇمۇرى-x 71082758

  قانۇنى ۋەكىلى تxx، يxxكوپراتىپىنىڭ ئىجرائىيە كېڭەش لىدىرى.

  ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى بxx، يxxكوپراتىپى خېيىم- خەتەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى.

  جاۋاپكار مxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1975 - يىلى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى تۇغۇلغان، يېڭسار ناھىيىسدە ئولتۇرۇشلۇق.

جاۋاپكار زxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1973- يىلى1- ئاينىڭ 3- كۈنى تۇغۇلغان، يېڭسار ناھىيىسدە ئولتۇرۇشلۇق.

جاۋاپكار شxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1972- يىلى 8- ئاينىڭ 9- كۈنى تۇغۇلغان، يېڭسار ناھىيىسدە ئولتۇرۇشلۇق.

مەھكىمىمىز دەۋاگەر يxx كوپراتىپىنىڭ جاۋاپكار مxx، زxx، شxx ئۈستىدىن دەۋا قىلغان قەرىز-توختام ماجىراسى دىلوسىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە سوتچى ۋە زاستاتىللاردىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ ئوچۇق سوت قىلدى. دەۋاگەر يxxكوپراتىپى كوپراتىپىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى بxx، جاۋاپكار مxx، زxx، شxx سوتقا كېلىپ دەۋا پائالىيتىگە قاتناشتى. ھازىر بو دىلو سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

دەۋاگەر يxxكوپراتىپى ئەرزىدە «بىز جاۋاپكار مxxنىڭ قەرىز پۇل ئېلىش ئىلتىماسىغا ئاساسەن؛ 2011- يىلى12- ئاينىڭ 23- كۈنى مxxبىلەن قەرىز پۇل توختامى، زxx، شxx بىلەن قەرىز پۇل كاپالەت توختامى ئىمزالاپ، مxxنىڭ يۈك توشۇش ماشنسىى سېتۋىلىشى ئۈچۈن 250000 يۈەن قەرىز پۇل بەرگەن ئىدۇق. قەرىز پۇلنىڭ مۇددىتى 2011- يىلى 12- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 2014- يىلى 11- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە، قەرىز توختامىدا ئۆسۈم نىسبىتى %8.866667 ئىدى. يۇقارقى قەرىز پۇلنىڭ مۇددىتى توشۇپ بىز بىر قانچە قېتىم جاۋاپكارلاردىن قەرىزنى سۈيلىگەن بولساقمۇ ئورۇنسىز سەۋەپ كۆرسىتپ قەرىز پۇلنى ھازىرغىچە قايتۇرىمىدى. شۇڭا سوت مەھكىمىسى جاۋاپكار مxxئالغان قەرىز پۇلنىڭ دىرى 250000 يۈەن، ئۆسۈمى 111400 يۈەن جەمئىي 361400 يۈەننى دەۋا ھەققى بىلەن قوشۇپ جاۋاپكارلاردىن ئېلىپ بەرسە» دىگەن.

جاۋاپكار مxxدەۋاگەر يxxكوپراتىپنىڭ ئەرزىگە « مېنىڭ 2011- يىلى12- ئاينىڭ 23- كۈنى دەۋاگەر يxx كوپراتىۋىدىن 250000 يۈەن قەرىز ئالغانلقىم راسىت، مەن قەرىز ئالغان 250000 يۈەنگە ماشنا سېتۋالغان ئىدىم، ماشىنا ئۆڭتۈرلۈپ كېتىپ ھازىرغىچە قەرىز پۇلنى قايتۇرالمدىم، سوت مەھكمسى يۇقارقى قەرىز پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى تۆۋەنلىتىپ بەرسە، مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرسام، مېنىڭ بۇ 250000 يۈەن قەرىزگە قارىتا جاۋاپكار زxx بىلەن شxxنى كېپل قىلغانلقىم راسىت، كېپللىك ھۆججىتى ۋە كېپللىك توختامى تۈزۈشكەن ۋاقىتتا جاۋاپكار زxx نەخ مەيداندا يوق ئىدى، كېپللىك توختامى ۋە كېپللىك ۋەدىنامسىگە ئىمزا قويۇپ بارماق باسمىغان، جاۋاپكار شxx ئۆزى ئىمزا قويۇپ بارماق باسقان، شۇڭا جاۋاپكار زxx كېپللىك جاۋاپكارلقىنى ئۈستىگە ئالمىسا، قەرىز ئالغان 250000 يۈەن قەرىزنى ئۆزۈم تۆلەپ قايتۇرىمەن» دىگەن.

جاۋاپكار زxx دەۋاگەر يxxكوپراتىپىنىڭ ئەرزىگە « مەن جاۋاپكار مxxدەۋاگەر يxxكوپراتىپى قەرىز ئالغان 250000 يۈەنگە قارىتا كېپل بولمىغان، كېپللىك ھۆججتى ۋە كېپللىك توختامىغا ئىمزا قويۇپ بارمقىمنى باسمىغان، يۇقارقى 250000 يۈەننى مxxئۆزى قەرىز ئېلىپ ئۆزى ئىشلەتكەن، شۇڭا جاۋاپكار مxxئۆزى قايتۇرسۇن، مەن كېپللىك جاۋاپكارلقىنى ئۈستۈمگە ئالمايمەن » دىگەن.

جاۋاپكار شxx دەۋاگەر يxx كوپراتىپىنىڭ ئەرزىگە « مېنىڭ جاۋاپكار مxxدەۋاگەر يxx كوپراتىۋدىن قەرىز ئالغان 250000 يۈەنگە كېپل بولغانلقىم راسىت، ئەينى ۋاقىتتا كېپللىك ھۆججىتى ۋە كېپللىك توختامى ئىمزالىغاندا جاۋاپكار زxx نەخ مەيداندا يوق ئىدى، كېپللىك ھۆججىتى ۋە كېپللىك توختامىغا ئۆزى ئىمزا قويمىغان، مەن كېپللىك ھۆججىتى ۋە كېپللىك توختامىغا ئۆزۈم ئىمزا قويۇپ بارمقىمنى باسقان، دەۋاگەر يxxكوپراتىپى مەندىن قەرىز سۈيلىمىدى، شۇڭا مەن جاۋاپكار مxxنىڭ قەرىز قايتۇرغان قايتۇرمىغانلقىنى بىلمگەچكە جاۋاپكار مxxنىڭ قەرىزنى قايتۇرىشىغا ھەيدەكچلىك قىلماپتىمەن، دەۋاگەر يxxكوپراتىپى قەرىز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبتىنى تۆۋەنلتىپ بەرسە، مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرشقا مۆھلەت بەرسە، مەن جاۋاپكار مxxبىلەن بىللە قەرىزنى تۆلەپ قايتۇرسام » دىگەن.

دەۋاگەر يxx كوپراتىپىنىڭ سوتقا تاپشۇرغان دەلىل- ئىسپاتلىرى:

1. يازما ئىسپات

(1) ئىككى پارچە قەرىز پۇل ئېلىش ئىلتىماسى ۋە بىر پارچە قەرىز پۇل توختامى ۋە بىر پارچە قەرىز پۇل ۋېكسىلى

جاۋاپكار مxxماشنا سېتۋىلىش ئۈچۈن دەۋاگەر يxx كوپراتىپىىغا 250000 يۈەن قەرىز ئېلىش ئىلتىماسى سۇنغانلقىنى، 2011- يىلى 12- ئاينىڭ 23- كۈنى دەۋاگەر يxx كوپراتىپى جاۋاپكار مxxبىلەن قەرىز پۇل توختامى ئىمزالاپ جاۋاپكار مxxنىڭ 250000يۈەن قەرىز ئالغانلىقى،قەرىز توختامدا قەرىز پۇل قەرەلىنىڭ 2011- يىلى 12- ئاينىڭ 23- كۈندىن 2014- يىلى 11- ئاينىڭ 22- كۈنگىچە ئۈچ يىل بولدىغانلىقى، قەرىز پۇلنىڭ ئۆسۈمى نىسبتىنىڭ %8.86667 بولدىغانلقىنى پۈتۈشكەنلكىنى، 2011- يىلى 12- ئاينىڭ 23- كۈنى جاۋاپكار مxxنىڭ ھېساباتىغا دەۋاگەر يxx كوپراتىۋى ئارقلىق 250000 يۈەن كىرگەنلكىنى ئىسپاتلايدۇ. جاۋاپكار مxx، جاۋاپكار زxx، شxx ئېتراپ قىلىدۇ، مەھكمىمىز يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچىنى بىكتىدۇ.

(2) ئىككى پارچە كېپىللىك ۋەدىنامىسى ۋە بىر پارچە قەرىز پۇل كاپالەت توختامى.

جاۋاپكار زxx، جاۋاپكار شxxلار ئەگەر جاۋاپكار مxxيۇقارقى قەرىز پۇلنى قايتۇرمىسا، ئۆزلىرىنىڭ چاتما جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ شەخسى مال- مۈلۈكى بىلەن قەرىز قايتۇردىغانلىقى توغرسدا كېپللىك ۋەدىنامىسى يېزىپ دەۋاگەر يxx كوپراتىپى بىلەن كېپللىك توختامى ئىىمزالىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. جاۋاپكار مxx، شxx ئېتىراپ قىلىدۇ، جاۋاپكار زxx « كېپللىك ھۆججىتىنى مەن يازىمغان، كېپللىك توختامىغا مەن ئىمزا قويمىغان » دەپ ئېتراپ قىلمىغان بولسىمۇ ئۆز تەشەببۇسىغا قارىتا يېتەرلىك دەلىل- ئىسپات كۆرستىپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن مەھكمىمىز يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچىنى بىكتىدۇ.

(3) ئىككى پارچە قەرىز پۇل سۈيلەش ئۇقتۇرىشى

دەۋاگەر يxx كوپراتىپى 2015- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنى، 2015-يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى جاۋاپكار مxxۋە زxxتىن قەرىز پۇلنى سۈيلىگەنلكىنى ئىسپاتلايدۇ. جاۋاپكار مxx، زxx، شxx ئېتىراپ قىلىدۇ، مەھكىمىمىز بۇ دەلىل- ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋاپكار مxxماشىنا سېتۋىلىش ئۈچۈن دەۋاگەر ي يxx كوپراتىپغا 250000 يۈەن قەرىز پۇل ئېلىش ئىلتىماسى سۇنغان، 2011- يىلى 12- ئاينىڭ 23- كۈنى جاۋاپكار مxxنىڭ قەرىز ئېلىش ئىلتىماسىغا ئاساسەن، يxx كوپراتىپى مxxبىلەن بىر پارچە قەرىز پۇل توختامى، جاۋاپكار زxx ۋە جاۋاپكار شxx بىلەن بىر پارچە قەرىز پۇل كاپالەت توختامى ئىمزالاش ئارقىلىق، مxxغا 250000 يۈەن قەرىز بەرگەن. قەرىز پۇل توختامىدا؛ جاۋاپكار مxx دەۋاگەر يxx كوپراتىۋىدىن قەرىز ئالغان 250000 يۈەننىڭ قەرىز پۇل قەرەلىنىڭ 2011- يىلى 12- ئاينىڭ 23- كۈندىن 2014- يىلى 11- ئاينىڭ 22- كۈنگىچە ئۈچ يىل بولدىغانلىقى ، قەرىز پۇلنىڭ ئۆسۈمى نىسبتىنىڭ %8.86667 بولدىغانلقىنى پۈتۈشكەن، قەرىز پۇل كېپىلىك ھۆججىتى ۋە كاپالەت توختامىدا؛ جاۋاپكار مxxئالغان قەرىز پۇلغا قارتا جاۋاپكار زxx ۋە جاۋاپكار شxx كېپىل بولغان بولۇپ، ئەگەر مxxقەرىزنى قايتۇرمىسا جاۋاپكار زxx ۋە جاۋاپكار شxx ئۆزىنىڭ شەخسى مال- مۈلۈكى بىلەن قەرىز قايتۇردىغانلىقى، كېپىللىك مۇددىتىنىڭ قەرىزدارنىڭ قەرىز قايتۇرغىچە بولدىغانلىقىنى پۈتۈشكەن. جاۋاپكار مxxقەرىز ئالغاندىن كېيىن، قەرىز پۇلنىڭ دىرى 250000 يۈەن ۋە ئۆسۈمى 111400 يۈەنگە قارتا پۇل قايتۇرمىغانلىقى ئېنىقلاندى.

مەزكۇر دىلودىكى تالاش- تارتىشنىڭ تۈگۈنى دەۋاگەر يxx كوپراتىپىنىڭ دەۋا تەلپىدىكى 361400 يۈەننى جاۋاپكارلار قانداق ئۇسۇلدا تۆلەپ قايتۇرۇىشى كېرەك؟ جاۋاپكار زxx جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالامدۇ يوق؟ دىگەندىن ئىبارەت.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، جاۋاپكار مxxدەۋاگەر يxx كوپراتىۋىدىن 250000 يۈەن قەرىز ئالغان بولسىمۇ، قەرىز پۇلنىڭ دىرى 250000 يۈەن ۋە ئۆسۈمى 111400 يۈەنگە قارتا پۇل تاپشۇرمىغان. جاۋاپكار مxxقەرىزنى ئالغاندا، جاۋاپكار زxx بىلەن جاۋاپكار شxx ئەگەر جاۋاپكار مxxقەرىزنى قايتۇرمىسا ئۆزىنىڭ مەسئۇل بولۇپ قايتۇردىغانلىقى توغرىسىدا ئۆز رازىلىقى بىلەن كېپىللىك ۋەدىنامىسى يازغان ھەمدە كېپىللىك توختامى ئىمزالىغان. شۇڭا جاۋاپكار زxx ۋە جاۋاپكار شxx كېپىللىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، جاۋاپكار مxxقەرىز ئالغان قەرىز پۇلنىڭ دىرى 250000 يۈەن ۋە ئۆسۈمى 111400 يۈەنگە قارتا چاتما جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. جاۋاپكار زxx كېپللىك ھۆججتىنى ئۆزىنىڭ يازمىغانلىقى، كېپللىك توختامىغا ئۆزىنىڭ ئىمزا قويمىغانلىقىنى شۇڭا جاۋاپكارلقىنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ ئۆز تەشەببۇسىغا قارىتا يېتەرلىك دەلىل- ئىسپات كۆرستىپ بېرەلمىدى، دەۋاگەر يxx كوپراتىۋى سوتقا جاۋاپكار زxxتىن قەرىز سۈيلىگەن ئۇقتۇرىشنى تاپشۇرغان بولۇپ، دەۋاگەر يxx كوپراتىۋى جاۋاپكار زxxتىن قەرىز سۈيىلگەندە قەرىز سۈيلەش ئۇقتۇرىشىغا ئىمزا قويۇپ باشقىچە پىكىرىدە بولمىغان، شۇڭا جاۋاپكار زxxنىڭ جاۋاپكار مxxدەۋاگەر يxx كوپراتىۋىدىن قەرىز ئالغان 250000 يۈەنگە كېپل بولغانلقىدىن خەۋىرى بار، ئۆزىنىڭ كېپل بولغانلقىنى ئېتراپ قىلىدۇ دەپ بىكتىشكە بولدۇ، جاۋاپكار زxx جاۋاپكار مxxئۈستىگە ئېلىپ تۆلەيدىغان قەرىز پۇلنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىگە قارىتا چاتما جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم، قەرىز پۇلنى قايتۇرىغاندا جاۋاپكار مxxقەرىز ئالغان 250000 يۈەن ۋە ئۆسۈمى 111400 يۈەن، جەمئىي 361400 يۈەننى جاۋاپكار مxxقايتۇرۇشى، جاۋاپكار زxx ۋە جاۋاپكار شxx چاتما جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جومھۇرىيتى توختام قانۇنى» نىڭ 107- ماددىسى، 198- ماددىسى، 206- ماددىسى، «جوڭخۇا خەلق جومھۇرىيتى كېپىللىك قانۇنى» نىڭ 12- ماددىسى ۋە 21- ماددىسىى، « ئالىي خەلق سوت مەھكمسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا دەلىل- ئىسپاتى توغرسدىكى بىر قانچە بەلگۈلمىسى» نىڭ 2- ماددىسىدىكى بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىدۇ:

1. جاۋاپكار مxxدەۋاگەر يxx كوپراتىپىگە قەرىز پۇلنىڭ دىرى 250000 يۈەن، ئۆسۈمى 111400 يۈەن ، جەمئىي 361400 يۈەننى مەزكۇر ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە قايتۇرسۇن.

2. جاۋاپكار مxxئۈستىگە ئېلىپ تۆلەيدىغان قەرىز پۇلنىڭ دىرى 250000 يۈەن، ئۆسۈمى 111400 يۈەن ، جەمئىي 361400 يۈەنگە قارىتا جاۋاپكار زxx بىلەن جاۋاپكار شxx چاتما جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالسۇن.

دىلو قۇبۇل قىلىش ھەققى 6721 يۈەننى جاۋاپكار مxxئۈستىگە ئېلىپ تۆلىسۇن.

مەزكۇر ھۆكۈمگە قايىل بولغان تەرەپ، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ. نارازىلىق ئەرز بەرگەندە، نارازىلىق ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسخسىدىن بىر پارچە كۆچۈرمىسىدىن ئۈچ پارچە تاپشۇرىشى لازىم.

            

    باش سوتچى: بۇخلىچەم غوپۇر

               مۇۋەققەت سوتچى: ئارزىگۇل توختى

زاستاتىل: ئابلەت زۇلپىي

               2016- يىلى 3- ئاينىڭ 23- كۈنى

                پۈتۈكچى: مەرەمساگۇل سەتتار

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆英吉沙县人民法院
关闭窗口
立案咨询:0998-3623669   信访咨询:0998-3623669   投诉举报:0998-3629969   地址:英吉沙县色提力路19号   邮编:844500  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2