添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置: 维文裁判文书 -> 民事文书

(2015) ي ھ د 752- نومۇرلۇق

2016-09-01 11:36:58


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

يېڭسار ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

                         (2015) ي ھ د 752- نومۇرلۇق

  دەۋاگەر ئا XX، ئايال، ئۇيغۇر، 2010- يىلى 8- ئاينىڭ 13- كۈنى تۇغۇلغان،يىڭسار ناھىيسدە ئولتۇرۇشلۇق.

(قازا قىلغۇچى سەXXنىڭ قىزى).

  دەۋاگەر ئاXX، ئايال، ئۇيغۇر، 1954- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى تۇغۇلغان، يىڭسار ناھىيسدە ئولتۇرۇشلۇق.

(دەۋاگەر ئاXXنىڭ قانۇندا بەلگۈلەنگەن ۋاكالەتچىسى، قازا قىلغۇچى سەXXنىڭ ئانىسى).

  ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى ھۈXX، شىنجاڭ فاخېڭ ئادۋۇكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى.

  جاۋاپكار دۆلەت ئېلىكتىر تورى شىنجاڭ ئېلىكتىر شىركىتىXX ناھيە توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ XX توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى دىيلىدۇ).

  ۋاكالەت نومۇرى: 313487-4

  جايلاشقان ئورنى: شىنجاڭ XX ۋىلايەت XX ناھيە قىزىل يولى.

  قانۇندا بەلگۈلەنگەن ۋەكىلى: جاڭ XX، XX توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ دىرىكتورى.

  ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى گو XX، شىنجاڭ دېشىن ئادۋۇكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى.

  جاۋاپكار XX ناھيە تۇرالغۇ ئۆي ۋە يېزا بازار قۇرلۇش ئىدارىسى.

ۋاكالەت نومۇرى: 01038504-7

  جايلاشقان ئورنى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى XX ناھيە يېڭيەر يولى نومۇرلۇق قورو.

  قانۇندا بەلگۈلەنگەن ۋەكىلى: لى XX، XXناھيە تۇرالغۇ ئۆي ۋە يېزا بازار قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.

  ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاۋ XX، شىنجاڭ جېڭ جىيا ئادۋۇكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى.

  ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى خۇۋ XX، شىنجاڭ جېڭ جىيا ئادۋۇكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ پاراكتىكانىت ئادۋۇكاتى.

  جاۋاپكار XX بىناكارلىق قۇرلۇش گورۇھى 6- بىناكارلىق قۇرلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتى دىيلىدۇ).

ۋاكالەت نومۇرى: 71082225-2

  جايلاشقان ئورنى: XX شەھەر خەلق غەربى يولى 275- نومۇرلۇق قورو.

  قانۇندا بەلگۈلەنگەن ۋەكىلى: جىياڭXX، XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتىنىڭ لىدىرى.

  ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى: جاڭ XX، XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتىنىڭ قانۇن مەسلەھەتچىسى.

  مەھكىمىمىز دەۋاگەر ئاXX، ئاXXنىڭ جاۋاپكار XX توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى، XX ناھيە تۇرالغۇ ئۆي ۋە يېزا بازار قۇرلۇش ئىدارىسى ۋە XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتى ئۈستىدىن دەۋا قىلغان توك سوقىۋىتىشتىن پەيدا بولغان جىسمانى زىيان جاۋاپكارلىقى ماجىراسى دىلوسىنى 2015- يىلى 9- ئاينىڭ 7- كۈنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە سوتچى ۋە زاستاتىللاردىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ 2015- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى ئوچۇق سوت قىلدى. دەۋاگەر ئاXXنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى ھۈXX، جاۋاپكار XXتوك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى گو XX، XX ناھيە تۇرالغۇ ئۆي ۋە يېزا بازار قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىللىرى جاۋ XX ۋە خۇۋ XX، XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاڭXX سوتقا كېلىپ دەۋا پائالىيتىگە قاتناشتى. ھازىر بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشتى.

  دەۋاگەر ئاXX ۋە ئاXX ئەرزىدە «2015- يىلى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى كەچتە XX ناھيىلىك كۆمۈر كان ئائىللىكلەر ئولتۇراق رايۇنى ئالدىدىكى يېشىللىق بەلۋىغىغا تارتىپ قويۇلغان سىمدىن توك ئۆتۈپ كېتىپ، سەXXنى توك سوقۋىتىپ ئۆلۈپ كېتىشتەك ھادىسە يۈز بەردى. XX ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى بازارلىق ساقچىخانىنىڭ ساقچىللىرى، 120 جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ خادىملىرى نەخ مەيداننى تەكشۈرۈپ؛ سەXXىنى XX ناھيىلىك كۆمۈر كان ئائىللىكلەر ئولتۇراق رايۇنى ئالدىدىكى يېشىللىق بەلۋىغىغا تارتىپ قويۇلغان سىمدىن توك ئۆتۈپ كېتىپ، توك سوقۋىتىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق يول بويىدىكى يېشىللىقنى كۆكەرتىش بەلۋىغى XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە يېزا بازار قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ باشقۇرشىدا بولۇپ، يېشىللىق بەلۋىغىنى كۆكەرتىش قۇرلۇشىنى XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتىگە ھۆددىگە بەرگەن. XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتى كۆكەرتىش بەلۋىغىغا تارىتقان سىمنى يول چىرىغىنىڭ تۈۋرىكىگە باغلاپ قويغان. ھادىسە يۈز بەرگەن كۈنى يول چىرىغىنىڭ تۈۋرىكىگە باغلاپ قويۇلغان سىمدا 120 ۋولىتتىن 125 ۋولىتقىچە توك بارلىقى ئېنىقلاندى. بۇ توكنى باشقۇرۇش XXتوك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ مەسئۇلىيتى. شۇڭا سوت مەھكىمىسى 1. سەXXنىڭ ئۆلۈم تۆلەم پۇلى 174840 يۈەن. 2. دەپنە راسخوتى 26735.5 يۈەن. 3. دەۋاگەر ئاXXنىڭ بېقىلىش پۇلى 47872.5 يۈەن. 4. دەۋاگەر ئاXXنىڭ بېقىلىش پۇلى 23322.5 يۈەن. 5. ئالتە نەپەر ئادەمنىڭ ئۆلۈم ئۇزتۇش جەريانىدىكى ئۈچ كۈنلۈكتىن ئىشتىن قېلىش پۇلى 2682 يۈەن. 6. روھى زىيان تۆلەم پۇلى 20000 يۈەن. 7. قاتناش كىراسى 1000 يۈەن ۋە دىلو قۇبۇل قىلىش ھەققىنى جاۋاپكارلاردىن ئېلىپ بەرسە» دىگەن.

جاۋاپكار XX توك بىلەن تەمىللەش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى گو XX دەۋاگەر ئاXX ۋە ئاXXنىڭ ئەرزىگە «ھادىسە يۈز بەرگەن كۈنى XX ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن شىركىتىمىزنىڭ خادىملىرى نەخ مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق توك قېچىش ئورنىنى تاپقان. سەXXىنى يول چىرىغىنىڭ سىتولبىسىغا باغلاپ قويۇلغان تۆمۈر سىمغا توك ئۆتۈپ كېتىپ، توك سوقۇپ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ يول چىرىقى XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە. توك سوقىۋىتىش سەۋەبى بولسا يول چىرىغىنىڭ سىتولبىسى بۇزۇلۇپ كېتىپ، چىراق سىتولبىسىدىن توك ئۆتۈپ كەتكەن. چىراق سىتولبىسىدىكى سىمدىكى توك بېسىمى 120 ۋولىتتىن 125 ۋولىتقىچە بولۇپ تۆۋەن بېسىمغا تەۋە. قانۇندا بەلگۈلەنگەن 1000 ۋولىتتىن يۇقرى بېسىم ئەمەس، شۇڭا بۇ دىلو ئادەتتىكى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋاپكارلىقى بولۇپ سەۋەنلىكسىز ھوقۇققا چېقىلىش جاۋاپكارلىقى ئەمەس. توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ۋەزىپىسى يۇقرى بېسىملىق توك بىلەن تەمىنلەش بولۇپ، بىز XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسىغا 1000 ۋولىتتىن يۇقرى بېسىمدا توك بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن، XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ بېسىم ئۆزگەرتىش ماتورى ئارقىلىق توكنىڭ بېسىمى تۆۋەنلىتىلىدۇ. گوۋۇيەننىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ۋە ئىشلىتىش نىزامىنىڭ 17- ماددىسىدىكى بەلگۈلمىسىگە ئاساسلانغاندا، توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئاممىۋى توك بىلەن تەمىنلەش ئۈسكىنلىلىرىگە قارتا ئاسىراش مەجبۇرىيتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئابنۇتچىلارنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىدىغان توك سىمىغا قارتا ئاسىراش مەجبۇرىيتىمىز يوق. دەۋاگەرلەر پاكىتنى بايان قىلغاندا سەXXىنى يول چىرىقىدىن توك ئۆتۈپ توك سوقۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دەلىل- ئىسپاتلاردا نوخسان بار، سەXXنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ئايدىڭ ئەمەس. جامائەت خەۋىپسىزىلىكى ئورگىنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەXX ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ئۆزى يالغۇز ھەركەت قىلغان بولۇپ، سەXXنىڭ ئۆلىشىدە ئۆزدىمۇ مەسئۇلىيەت بار. شۇڭا بىز مەزكۇر دىلودا جاۋاپكارلىقنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز» دەپ جاۋاپ قايتۇرغان.

  جاۋاپكار XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاۋ XX ۋە خۇۋXX دەۋاگەر ئاXX، ئاXXنىڭ ئەرزىگە «بىزنىڭ سەXXنى توك سوقىۋىتىپ ئۆلگەنلىكىگە قارتا پىكرىمىز بار يەنى ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن جامائەت خەۋىپسىزلىكى تارماقلىرى تەكشۈرۈپ جىنايەت شەكىللەندىمۇ- يوق؟ دىگەن مەسلە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر جىنايەت شەكىللەنمىسە ھەق تەلەپ ياكى مەمۇرى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. بىز يېشىللىق بەلۋىغىنى كۆكەرتىش قۇرلۇشىنى XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتىگە ماتىريال، ئىش ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىقلارنى ھۆددىگە بەرگەن. بارلىق بىخەتەرلىك مەسئۇلىيتىنى XX 6-بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. دەۋاگەرلەر توك سوقىۋىتىشتىن كېلىپ چىققان جىسمانى زىيان تۆلەم ماجىراسى دەپ دەۋا قىلغان بولۇپ دەۋا تەلۋى ئادەتتىكى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋاپكارلىقىغا تەۋە. دەۋاگەرلەر سوتتا بەش تۈرلۈك دەلىل- ئىسپات كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لىكىن بىر قىسىم دەلىل- ئىسپاتلىرى قانۇنلۇق ئەمەس. سەXXنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ئايدىڭ ئەمەس. جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىغا دىلو مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى دىلو مەلۇم قىلغۇچى ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەردىن سۆھبەت خاتىرسى ئالىمىغان، نەخ مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى تەييارلىمىغان. سەXXنى توك سوقۇپ ئۆلگەنلىكىدىن باشقا ئېھتىماللىقنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. ئۆلگۈچى سەXXنىڭ ئانىسى ئاXXنىڭ بېقىلىش ھەققىدە، ئاXXنىڭ يەتتە پەرزەنىتى بولۇپ، سەXX پەقەت بىر كىشلىك بېقىش مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىش كېرەك. يېقىن تۇققانلىرىنىڭ ئىشتىن قېلىش ھەققى يۇقرى بولۇپ كەتكەن. روھى زىيان تۆلەم پۇلىمۇ ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، بۇنى ئايرىم تەلەپ قىلىش قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا؛ دەۋاگەرلەرنىڭ دەلىل- ئىسپاتى تولۇق ئەمەس، پاكىتى ئېنىق ئەمەس، شۇڭا بىز دەۋاگەرلەرنىڭ دەۋا تەلۋىنى رەت قىلمىز» دەپ جاۋاپ قايتۇرغان.

  جاۋاپكار XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاڭ XX دەۋاگەر ئاXX، ئاXXنىڭ ئەرزىگە «مەن دەۋاگەرلەرنىڭ دەۋا تەلۋىنى رەت قىلمەن. چۈنكى دەۋاگەرلەرنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسىنىڭ بايان قىلغان پاكىتلىرى راسىت ئەمەس. يېشىللىق بەلۋىغىنى ئايرىش توسىقى ياساشتا بىز ھەر 10مىتىرغا بىر دانىدىن ياغاچ قۇزۇق قېقىپ ئورۇنلاشتۇرغان. چىراق سىتولبىسىغا باغلىشىمىز مومكىن ئەمەس. قۇزۇق بىلەن چىراق تۈۋرىكى ئوتتۇرسىدا 30 سانتىمىتىر ئارلىق قالدۇرۇلغان. نەخ مەيدان ئەھۋالىدىن قارىغاندا، يول چىرقىنىڭ سىتولبىسىدا يوشۇرۇن خەۋىپ بولغانلىقى ئۈچۈن توك سوقۇپ ئادەم ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يېشىللىق بەلۋىغىدا قۇرلۇش قىلغۇچىدا ھېچقانداق مەسۇلىيەت يوق. بىز پەقەت قۇرلۇش قىلىش جەريانىدا قۇرلۇش قىلغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز، باشقا ئادەملەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيتىمىز يوق. بۇ دىلودا دەۋاگەرلەر دەۋا سوبىكتىنى خاتا تاللاپ دەۋا قىلغان. يەنى يول چىرىقىنى ئىشلەپ چىقارغۇچى كارخانىدا خاتلىق بارمۇ ياكى يول چىرىقىنىڭ ئىگىسى بولغان XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسى باشقۇرۇش مەجبۇرىيتىنى ياخشى ئادا قىلمىغان ئەھۋال بارمۇ- يوق؟ بۇنى ئېنىقلاپ چىقىپ دەۋا قىلىش كېرەك. مەزكۇر ھادىسىدە سەXX كېسىپ ئۆتۈش چەكلەنگەن يېشىللىق بەلۋىغىنى كېسىپ ئۆتۈپ، توك سوقۇپ ئۆلۈپ كېتىشكە سەۋەبچى بولغان. شۇڭا سەXXنىڭ ئۆزىدىمۇ خاتالىق بار. روھى زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىشى قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس. بېقىلىش ھەققىنىڭ ھىسابلىنىشىمۇ توغرا بولمىغان. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا شىركىتىمىز دەۋاگەرلەرنىڭ بارلىق دەۋا تەلۋىنى رەت قىلىدۇ» دەپ جاۋاپ قايتۇرغان.

  دەۋاگەر ئاXXنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى ھۈXXنىڭ سوتقا تاپشۇرغان دەلىل- ئىسپاتلىرى:

  1. XX ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئىسپاتى: سەXXنى 2015- يىلى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى XX ناھيە بازىرى كۆمۈر كان ئائىللىكلەر قورۇسى ئالدىدا تۆۋەن بېسىملىق توك سۆقۋىتىشتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

  جاۋاپكار XX توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى گو XX ۋە XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاڭ XX راسىتلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. جاۋاپكار XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاۋ XX ۋە خۇۋ XX «ئۆلۈش سەۋەبىنى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ قانۇن دوختۇرلۇق ئىشخانىسى باھاللاپ بېكىتىشى لازىم» دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇ ئىسپات مەھكىمىمىزنىڭ (2015) ي ھ د 500- نومۇرلۇق ھەق تەلەپ دىلوسىدىكى XX ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش چوڭ ئەترىتىنىڭ «سەXXنىڭ ئۆلىشىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» بىلەن ماس كەلگەنلىكى ئۈچۈن، مەھكىمىمىز بۇ دەلىل- ئىسپاتنىڭ راستىلىقىنى بېكىتىدۇ.

  2. XX ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ۋە بازارلىق ساقچىخانىسىنىڭ گەپ سوراش خاتىرسى: 2015- يىلى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى XX ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى 110 قۇماندانلىق مەركىزىنىڭ ئۇختۇرشىغا ئاساسەن؛XXناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى بازارلىق ساقچىخانىنىڭ ساقچىللىرى، 120 جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ دوختۇرلىرى، XX توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ۋە XXناھيە تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى نەخ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، سەXX ئۆلگەندىن كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق كۆكەرتىش بەلۋىغىدىكى يول چىرىقىنىڭ سىتولبىسىغا باغلانغان تۆمۈر سىمدىن توك ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، بۇ سىمدا 120 ۋولتتىن 125 ۋولتقىچە توك بارلىقىنى، سەXXنىڭ مۇشۇ تومۇر سىمغا يىقىلىپ ياتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

  جاۋاپكار XX توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى گو XX راسىتلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاڭ XX، جاۋاپكار XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاۋ XX ۋە خۇۋ XX «بۇ گەپ سوراش خاتىرسىنى بىر نەپەر ساقچى گەپ سوراپ يازغان، بۇنىڭدىكى بايانلار راسىت ئەمەس، ساقچى سۆھبەتكە جاۋاپ بەرگۈچىنى يېتەكلەش خارەكتىرلىك سۇئال سورغان» دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ. XX ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى بازارلىق ساقچىخانىنىڭ يەن XX ۋە جۇXXدىن باشقا ۋاXX، ئۈXX، ھۈXX، ئاXX، ئەXXدىن ئالغان گەپ سوراش خاتىرسى دەلىل- ئىسپات قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولغان بولسىمۇ، لىكىن بۇ گۇۋاچىلار سوتقا قاتنىشىپ گۇۋالىقتىن ئۆتمىگەنلىكىنى ئۈچۈن، مەھكىمىمىز يۇقارقى گۇۋاچىلارنىڭ گۇۋالىق سۆزىنىڭ راسىتلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەيدۇ.

  3. نوپۇسقا ئالاقىدار ئىسپات: بۇ دەۋاگەر ئاXX يېزا نوپۇس بولۇپ 1954- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى، ھادىسىدە قازا قىلغۇچى سەXX بىلەن ئانا بالىلىق مۇناسىۋىتى بالىقىنى ھەم دەۋاگەر ئاXX يېزا نوپۇس بولۇپ 2010- يىلى 8- ئاينىڭ 13- كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى، ھادىسدە قازا قىلغۇچى سەXX بىلەن ئاتا بالىلىق مۇناسىۋىتى بالىقىنى ۋە ئاXXنىڭ سەXX قوشۇلۇپ يەتتە پەرزەنىتىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

  جاۋاپكار XX توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى گو XX، XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاڭ XX، XXناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاۋ XX ۋە خۇۋ XXلەر راسىتلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. مەھكىمىمىز يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچىنى بېكىتىدۇ.

  جاۋاپكار XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاۋ XX ۋە خۇۋ XXنىڭ سوتقا كۆرسەتكەن دەلىل- ئىسپاتى:

  XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسى بىلەن XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتى ئوتتۇرسىدا 2014- يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى تۈزۈلگەن بىر پارچە توختام: بۇ XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسى XX ناھيىسىنىڭ سىتىلە- قىزىل يولىنىڭ بويىدىكى پىيادىلەر يولىنىڭ يېنىدىكى يېشىللاشتۇرۇش قۇرلۇشىنى XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتىگە 2014- يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى ھۆددە بەرگەنلىكىنى، XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتى 2016- يىلى 8- ئايدا قۇرلۇشنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

  دەۋاگەر ئاXXنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى ھۈXX، جاۋاپكار XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاڭXX، جاۋاپكار XXتوك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى گو XX ئېتىراپ قىلىدۇ. مەھكىمىمىز بۇ دەلىل- ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچىنى بېكىتىدۇ.

جاۋاپكار XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاڭ XXنىڭ سوتقا كۆرسەتكەن دەلىل- ئىسپاتى:

بىر پارچە فوپۇ- سۈرەت: ياغاچ قۇزۇققا تۈمۈر سىم ئوراپ قويۇلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

دەۋاگەر ئاXXنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى ھۈXX، جاۋاپكار XXتوك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى گو XX ۋە XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاۋ XX ۋە خۇۋ XXلەر «بۇ سۈرەت ھادىسە يۈز بەرگەن نەخ مەيدان سۈرىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ» دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ. مەھكىمىمىز دەۋاگەر ئاXXنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى ھۈسەنجان ئابدۇغېنى، جاۋاپكار يېڭسار توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى گو XX ۋە يېڭسار ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاۋ XX ۋە خۇۋ XXلەرنىڭ باشقىچ پىكىرنىڭ ئاساسى بار، دەپ قاراپ بۇ بىر پارچە سۈرەتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچىنى بېكىتمەيدۇ.

مەھكىمىمىز دەۋاگەر ئاXXنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋكالەتچىسى ھۈXXنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ئالدۇرغان دەلىل- ئىسپاتلار:

1. XX ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2015) ي ھ د 500- نومۇرلۇق ھەق تەلەپ دىلوسىدىكى XX ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش چوڭ ئەترىتىنىڭ سەXXنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى: 2015- يىلى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى كەچ سائەت 1:20 مىنۇت ئۆتكەن ئەتراپتا، XXناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى بازارلىق ساقچىخانىسى، XX جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى قۇماندانلىق مەركىزىنىڭ XX ناھيە بازارلىق ھۆكۈمەت كۆمۈركان ئائىللىكلەر قورۇسى ئالدىدىكى يول بويىدا، بىرسىنى توك سوقۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلىك توغرىسىدىكى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بازارلىق ساقچىخانىسىنىڭ نۆۋەتچى ساقچىللىرى نەخ مەيدانغا بېرىپ بىر نەپەر ئەرنىڭ يېڭسار ناھيە بازارلىق ھۆكۈمەت كۆمۈركان ئائىللىكلەر قورۇسى ئالدىدىكى يول بويىدىكى يېشىللاشتۇرۇش بەلۋىغىدىكى ئايرىش سىمغا يۆلۈنۈپ قالغانلىقىنى كۆرگەن. ساقچىلار بۇ ئادەمنىڭ نەپىسىنىڭ يوقلىغىنى، يۈرەك سوقۇشىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، 120 جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ دوختۇرلىرى نەخ مەيدانغا كېلىپ تەكشۈرۈپ بۇ ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇختۇرغان. جەسەتنى يۆتكەش جەريانىدا جەسەتتىن ساقچىلارغا توك ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، XXX جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى قۇماندانلىق مەركىزىنىڭ بۇيرىشى بىلەن XX توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خادىملىرى نەخ مەيدانغا يېتىپ كېلىپ تەكشۈرۈپ، يېشىللاشتۇرۇپ كۆكەرتىش بەلۋىغىدىن يول چىرىغىنىڭ سىتولبىسىغا تارتىپ قويۇلغان ئايرىش سىمىدا 120 ۋولىتتىن 125 ۋولىتقىچە توك بارلىقىنى ئېنىقلىغان. XXجامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى ئۆلگۈچىنىڭ سالاھىيتىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ XX ناھيە XX يېزا تۈگمەن بېشى كەنىت 1- مەھەللە 63- نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق سەXX ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن. XX جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ قانۇن دوختۇرى تەكشۈرۈپ؛ ئۆلگۈچى سەXXىنىڭ باش ئارقا تەرپى بىلەن دومبىسىدىكى زەخمە ئېلىكتىر ئېقىمىنىڭ كۆيدۈرىشى سەۋەبلىك شەكىللەنگەن. ئۆلگۈچى بايقالغان يېشىللاشتۇرۇش بەلۋىغىنىڭ تۆمۈر سىمدا 120 ۋولتىتىن 125 ۋولىتقىچە بولغان تۆۋەن بېسىملىق توك بار. شۇڭا ئۆلگۈچى سەXXنى توك سوقۇپ ئۆلگەنلىكىنى بېكىتىشكە بولدۇ، دەپ يەكۈن چىقىرىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

دەۋاگەر ئاXXنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى ھۈXX ۋە جاۋاپكار XX توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى گو XX ئېتىراپ قىلىدۇ. جاۋاپكار XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاڭXX ۋە XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاۋ XX ۋە خۇۋ XXلەر ئېتىراپ قىلمايدۇ. لىكىن سەXXنىڭ توك سوقىۋىتىشتىن باشقا سەۋەپ بىلەن ئۆلگەنلىكىگە قارتا دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، مەھكىمىمىز بۇ دەلىل- ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچىنى بېكىتىدۇ.

2. نوپۇستىن ئۆچۈرۈش ئىسپاتى: سەXX ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن نوپۇستىن ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

دەۋاگەر ئاXنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى ھۈXX، جاۋاپكار XX توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى گو XX، XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاڭ XX ۋە XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاۋ XX ۋە خۇۋXXلەر ئېتىراپ قىلىدۇ. مەھكىمىمىز بۇ دەلىل- ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچىنى بېكىتىدۇ.

جاۋاپكار يېڭسار توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى گو جۈنتىڭنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ئالدۇرغان دەلىل- ئىسپات:

XX ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2015) ي ھ د 500- نومۇرلۇق ھەق تەلەپ دىلوسىنىڭ 72- ۋە 73- بەتتىكى بەش پارچە فوتۇ- سۈرەت: بىر ئادەمنىڭ ۋولتىمىتىر ئارقىلىق تۆمۈر سىمدىكى توك بېسىمىنى ئۆلچەۋاتقانلىقىنى، توك بېسىمىنىڭ 119 ۋولىتتىن 124 ۋولىتقىچە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

دەۋاگەر ئاXXنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى ھۈXX ئېتىراپ قىلىدۇ.

XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاۋ XX ۋە خۇۋ XXلەر «توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى مەزكۇر دىلودا گۇۋاچى ئەمەس بەلىكى بۇ دىلو بىلەن پايدا زىيان مۇناسىتى بار تەرەپ» دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ.

XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاڭ XX«بۇ سۈرەتتە ۋاقىت ياكى بەلگە بۇيۇم يوق، سۈرەتتىكى سىمنىڭ بىز تارىتقان سىم ئىكەنلىكىنى ھەمدە بىز قۇرلۇش قىلغان نەخ مەيدان ئىكەنلىكى ئىسپاتلانمايدۇ» دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ.

مەھكىمىمىز XXناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاۋ XX ۋە خۇۋ XX، XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاڭ XXنىڭ ئېتىراپ قىلماسلىقىنىڭ ئاساسى بار، دەپ قاراپ بۇ دەلىل- ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچىنى بېكىتمەيدۇ.

سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە: 2015- يىلى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى كەچ سائەت 1:20 مىنۇت ئۆتكەندە، XX ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى قۇماندانلىق مەركىزى XX ناھيە بازارلىق ھۆكۈمەت كۆمۈركان ئائىللىكلەر قورۇسى ئالدىدىكى پىيادىلەر يولىنىڭ بويىدىكى يېشىللاشتۇرۇپ كۆكەرتىش بەلۋىغىدا نامەلۇم بىر ئادەمنىڭ يېتىپ قىلغانلىق توغرىسىدىكى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، XX ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى بازارلىق ساقچىخانىسىغا نەخ مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈشنى بۇيرىغان. XX ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى بازارلىق ساقچىخانىسىنىڭ نۆۋەتچى ساقچىللىرى نەخ مەيدانغا بېرىپ بىر نەپەر ئەرنىڭ يېشىللاشتۇرۇش بەلۋىغىدىكى ئايرىش سىمغا يۆلۈنۈپ ياتقانلىقىنى كۆرگەن. ساقچىلار بۇ ئادەمنىڭ نەپىسىنىڭ يوقلىغىنى، يۈرەك سوقۇشىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، 120 جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ دوختۇرلىرى نەخ مەيدانغا كېلىپ تەكشۈرۈپ بۇ ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇختۇرغان. جەسەتنى يۆتكەش جەريانىدا جەسەتتىن ساقچىلارغا توك ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن، XX جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى قۇماندانلىق مەركىزىنىڭ بۇيرىشى بىلەن XX توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خادىملىرى نەخ مەيدانغا يېتىپ كېلىپ تەكشۈرۈپ، يېشىللاشتۇرۇپ كۆكەرتىش بەلۋىغىدىن يول چىرىغىنىڭ سىتولبىسىغا تارتىپ قويۇلغان تۆمۈر توساق سىمىدا 120 ۋولىتتىن 125 ۋولىتقىچە توك بارلىقىنى ئېنىقلىغان.

XX ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى ئۆلگۈچىنىڭ سالاھىيتىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ XX ناھيە XXيېزا تۈگمەن بېشى كەنىت 1- مەھەللە 63- نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق سەXX ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن.

XX ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ قانۇن دوختۇرى تەكشۈرۈپ؛ ئۆلگۈچى سەXXنىڭ باش ئارقا تەرپى بىلەن دومبىسىدىكى زەخمە ئېلىكتىر ئېقىمىنىڭ كۆيدۈرىشى سەۋەبلىك شەكىللەنگەن. ئۆلگۈچى بايقالغان يېشىللاشتۇرۇش بەلۋىغىنىڭ تۆمۈر سىمدا 120 ۋولتىتىن 125 ۋولىتقىچە بولغان تۆۋەن بېسىملىق توك بار. شۇڭا ئۆلگۈچى سەXXنى توك سوقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن، دەپ يەكۈن چىقارغان.

يەنە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 2014- يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى XXناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسى بىلەن XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتى توختام ئىمزالاپ؛ XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسى XX ناھيىسىنىڭ سىتىلە- قىزىل يولىنىڭ بويىدىكى پىيادىلەر يولىنىڭ يېنىنى يېشىللاشتۇرۇش قۇرلۇشىنى XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتىگە ھۆددە بەرگەن بولۇپ، شىنجاڭ 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتى بۇ قۇرلۇشنى 2016- يىلى 8- ئايدا تاماملاپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بولغان ھەمدە XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتى يېشىللاشتۇرۇش قۇرلۇشى قىلىش جەريانىدا سالغان كۈچەتلەرنى مۇداپىيە قىلىش ئۈچۈن تۆمۈر سىم تارتىپ، بۇ سىمنى يول چىرىقىنىڭ سىتولبىسىغا باغلاپ قويغان. يول چىرىقىنىڭ سىتولبىسىدىن تارتىپ قويۇلغان تۆمۈر سىمغا چىراق سىتولبىسىدىن تۆك ئۆتۈپ كېتىپ سەXXىنى توك سوقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يول چىرىقىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

مەزكۇر دىلودىكى تالاش تارتىشنىڭ تۈگۈنى: 1. سەXXنىڭ ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبى نىمە؟ 2. سەXXنىڭ ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادى زىيانلىرىنى جاۋاپكارلار ئۈستىگە ئېلىپ تۆلەشكە تېگىشلىكمۇ- ئەمەسمۇ؟ دىگەندىن ئىبارەت.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: پۇخرالارنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە ساغلاملىق ھوقۇقى دەخلى- تەرۈزسىز بولۇپ، بۇ ھوقۇق دەخلى- تەرۈزگە ئۇچرىغاندا قانۇن تەرپىدىن قوغدىلىشى كېرەك. سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، XXناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك ئىسپاتى ۋە XX ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش چوڭ ئەترىتىنىڭ سەXXنىڭ ئۆلشىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن قارغاندا؛ سەXXنى يېڭسار ناھيە بازارلىق ھۆكۈمەت كۆمۈركان ئائىللىكلەر قورۇسى ئالدىدىكى پىيادىلەر يولىنىڭ بويىدىكى يېشىللاشتۇرۇش قۇرلۇشىدىكى كۈچەتلەرنى ئاسىراش ئۈچۈن تارىتقان تۆمۈر سىم يول چىرىقىنىڭ سىتولبىسىغا باغلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن، يول چىرىقىنىڭ سىتولبىسىدىن تارتىپ قويۇلغان تۆمۈر سىمغا تۆك ئۆتۈپ كېتىپ، توك سوقۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بېكىتىشكە بولدۇ. گەرچە جاۋاپكار XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاڭ XX ۋە XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاۋ XX ۋە خۇۋ XXلەر «سەXXنى توك سوقۇپ ئۆلگەنلىكىنى بېكىتىشنىڭ دەلىل- ئىسپاتى تولۇق ئەمەس» دەپ باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار سەXXنىڭ توك سوقىۋىتىشتىن باشقا سەۋەپ بىلەن ئۆلگەنلىكىگە قارتا دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، دەلىل- ئىسپات كۆرسىتۈپ بېرەلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان پايدىسىز ئاقىۋەتكە ئۆزلىرى مەسئۇل بولىشى لازىم.

سەXXنى توك سوقىۋىتىپ ئۆلۈپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان ئومۇمى ئىقتىسادى زىيانلىرىنى: ئۆلۈم تۆلەم پۇلى (8742元×20年) 174840 يۈەن، دەپنە راسخوتى 26735.5 يۈەن، دەۋاگەر ئاXX ھازىر بەش ياش بولۇپ 13 يىللىق بېقىلىش پۇلى (7365元×13年÷2人) 47872.5 يۈەن. دەۋاگەر ئاXX ھازىر 61 ياش بولۇپ، 19 يىللىق بېقىلىش پۇلى (7365元×19年÷7人) 19990 يۈەن، سەXXنىڭ ئالتە نەپەر قېرىندىشى بولۇپ بۇلارنىڭ ئۆلۈم ئۇزتۇش جەريانىدىكى ئۈچ كۈنلۈكتىن ئىشتىن قېلىش پۇلى 2664 يۈەن، روھى زىيان تەسەللى پۇلى 20000 يۈەن بولۇپ جەمئىي 292102 يۈەن، دەپ بېكىتىشكە بولدۇ. دەۋاگەرلەر قاتناش كىراسىغا قارتا 1000 يۈەن تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سوتتا قاتناش كىراسىغا قارتا دەلىل- ئىسپات كۆرسىتۈپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، قوللاشقا بولمايدۇ، رەت قىلىش لازىم.

يۇقارقى 292102 يۈەننى جاۋاپكارلارنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ تۆلەش مەسلىسىدە: ھادىسە يۈز بەرگەن نەخ مەيداندىكى توك لىنىيەسى جاۋاپكار XX توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ ئاسىراش ۋە مۇھاپىزەت قىلىش دائىرسىدە ئەمەس ھەمدە سەXXنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى يۇقرى بېسىملىق توك بولماستىن بەلكى ئابنۇتچىلار ئىشلىتىدىغان تۆۋەن بېسىملىق توك بولغانلىقى ئۈچۈن، جاۋاپكار XX توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى مەزكۇر دىلودا ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

يول بويىدىكى يول چىراقلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسىدا بولۇپ، ئۇلار چىراققا توك ئىشلىتىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، يوشۇرۇن خەۋىپنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارتا تەدبىر قوللۇنۇپ قەرەرلىك تەكشۈرۈش مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلمىغان شىۇنىڭ بىلەن بىرگە جاۋاپكار XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتى يېشىللاشتۇرۇش بەلۋىغىنى مۇداپىيە قىلىش ئۈچۈن تۈمۈر سىم تارتىپ، يول چىرىقىنىڭ سىتولبىسىغا باغلاپ قويسا بۇنى توسىمىغان. قۇرلۇشنى ھۆددە بەرگەندىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرىشى يېتەرلىك بولمىغان.

XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاۋ XX ۋە خۇۋ XXلەر «جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى نەخ مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى تەييارلىمىغان، دىلونى مەلۇم قىلغۇچى ۋە نەخ مەيداندىكى كۆرگۈچىلەردىن سۆھبەت خاتىرىس ئالمىغان، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرش ئىدارىسى ھادىسىنى تەكشۈرمىگەن» دىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىشلار جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرش ئىدارىسىنىڭ خىزىمەت دائىرسى بولۇپ، بۇلارنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيتىنى تولۇق ئادا قىلماسلىقى دەۋاگەرلەرنىڭ تۆلەم تەلەپ قىلىشى تەلۋىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. شۇڭا جاۋاپكار XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسى سەXXنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېىلىپ چىققان ئىقتىسادى زىيان 292102 يۈەننىڭ %40 تى 116840.8 يۈەننى ئۈستىگە ئېلىپ دەۋاگەرلەرگە تۆلەپ بېرىشى لازىم.

جاۋاپكار XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتى يول بويىدىكى يېشىللاشتۇرۇش بەلۋىغىنىڭ كۆكەرتىش قۇرلۇشىنى ھۆددە ئالغاندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە سەل قارىغان. يېشىللاشتۇرۇش بەلۋىغىغا سالغان كۆچەتلەرنى ئاسىراش ئۈچۈن تۆمۈر سىم تارىتقاندىن كېيىن، بۇ تۆمۈر سىمنى يول چىرىقىنىڭ سىتولبىسىغا باغلاپ قويۇپ، بىپەرۋالىق قىلىپ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تاسادىبى ھادىسىنى ئالدىن بايقىمىغان ھەمدە بۇ توساق سىمنىڭ يول چىرىقىنىڭ سىتولبىسىغا باغلاپ يېشىللاشتۇرۇش قۇرلۇشىنى مۇھاپىزەت قىلىشتىن بۇرۇن قۇرلۇشنى ھۆددىگە بەرگۈچى ئورۇننىڭ رۇخسىتىنى ئالىمىغان. شۇڭا جاۋاپكار XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتى سەXXنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېىلىپ چىققان ئىقتىسادى زىيان 292102 يۈەننىڭ %60 تى 175261.2 يۈەننى ئۈستىگە ئېلىپ دەۋاگەرلەرگە تۆلەپ بېرىشى لازىم.

XX 6- بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتىنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى جاڭ XX «بىز يېشىللاشتۇرۇش بەلۋىغىغا تارىتقان تۆمۈر سىمنى ياغاچ قۇزۇققا باغلىغان، يول چىرىغىنىڭ سىتولبىسىغا باغلىمىغان» دىگەن بولسىمۇ، سوت ئۈستىدە ئۆز تەشەببۇسىغا قارتا دەلىل- ئىسپات كۆرسۈتۈپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، دەلىل- ئىسپات كۆرسۈتۈپ بېرەلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان پايدىسىز ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىشى كېرەك.

جاۋاپكارلارنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىللىرى سوت ئۈستىدە «ئۆلگۈچى سەXX ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە بۇ ھادىسە كېلىپ چىققان، شۇڭا سەXXمۇ بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم» دىگەن بولسىمۇ، ئەمما سەXXنىڭ ئۆلۈشتىن بۇرۇن ھاراق ئىچكەنلىكىنى سوتتا ئېنىقلانمايدۇ. شۇڭا ھادىسدە ئۆلگۈچى سەXXنى ئۆلۈشتىن بۇرۇن ھاراق ئىچكەن، دەپ بېكىتىشكە بولمايدۇ، دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جەمھۇرىيتى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى» نىڭ 6- ماددىسى، 16- ماددىسى، 18- ماددىسى، 22- ماددىسى، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانى زىيان تۆلەم دىلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىللەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ 28- ماددىسى ۋە «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا دەلىل- ئىسپاتى توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگۈلمىسى» نىڭ 2- ماددىسىدىكى بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىدۇ:

1. جاۋاپكار XX بىناكارلىق قۇرلۇش گورۇھى 6- بىناكارلىق قۇرلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مەزكۇر ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى 10 كۈن ئىچىدە، دەۋاگەر ئاXX ۋە ئاXXگە 175261.2 يۈەننى بەرسۇن.

2.XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسى مەزكۇر ھۆكۈم قانۇنى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى 10 كۈن ئىچىدە، دەۋاگەر ئاXXۋە ئاXXگە 116840.8 يۈەننى بەرسۇن.

ئەگەر XX شىنجاڭ بىناكارلىق قۇرلۇش گورۇھى 6- بىناكارلىق قۇرلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە جاۋاپكار XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسى يۇقارقى پۇلنى بەلگۈلەنگەن ۋاقىتتا دەۋاگەرلەرگە بەرمىسە «جوڭخۇا خەلق جەمھۇرىيتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 253- ماددىسىدىكى بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن، كېچىكتۈرگەن مەزگىلدىكى ئۆسۈمىنى ھەسسىلەپ تۆلەيدۇ.

3. جاۋاپكار دۆلەت ئېلىكتىر تورى XXئېلىكتىر شىركىتى XX ناھيە توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

4. دەۋاگەر ئاXX ۋە ئاXXنىڭ باشقا دەۋا تەلەپلىرى رەت قىلىنسۇن.

دىلو قۇبۇل قىلىش ھەققى 5746 يۈەندىن دەۋاگەر ئاXX 50 يۈەننى، جاۋاپكار XX بىناكارلىق قۇرلۇش گورۇھى 6- بىناكارلىق قۇرلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 3418 يۈەننى، XX ناھيىلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر يېزا قۇرلۇش ئىدارىسى 2278 يۈەننى ئۈستىگە ئېلىپ تۆلىسۇن.

مەزكۇر ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ. نارازلىق ئەرز بەرگەندە، نارازلىق ئەرزنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر پارچە، كۆچۈرۈلمىسىدىن ئالتە پارچە تاپشۇرىشى لازىم.

  باش سوتچى: ھەسەنجان ئوبۇل  

مۇۋەققەت سوتچى: ئارزىگۈل توختى  

  زاستاتىل: جېڭ شىخوڭ  

             2016- يىلى 2- ئاينىڭ 29- كۈنى

پۈتۈكچى : مەمەترېھىم مەمىتىمىن

تەرجىمان: ئالىمجان ئابدۇغېنى

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆英吉沙县人民法院
关闭窗口
立案咨询:0998-3623669   信访咨询:0998-3623669   投诉举报:0998-3629969   地址:英吉沙县色提力路19号   邮编:844500  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2