添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置: 维文裁判文书 -> 民事文书

(2016) ش 3123 ھ د 410- نومۇرلۇق

2016-09-01 11:39:42


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

يېڭسار ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ كېسىمنامىسى

                     (2016) ش 3123 ھ د 410- نومۇرلۇق

  دەۋاگەر ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1964- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۈنى تۇغۇلغان، قەشقەر شەھىردە ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق.

  جاۋاپكار XX ناھيىلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى.

  جايلاشقان ئورنى: XX ناھيە قىزىل يولى 139- نومۇرلۇق قورو.

  قانۇندا بەلگۈلەنگەن ۋەكىلى: ياڭ XX، XX ناھيىلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى.

  ھاۋالە ۋاكالەتچىسى: جوۋ XX، ئەر، خەنزۇ، 1972- يىلى 10- ئاينىڭ 11- كۈنى تۇغۇلغان ، يىڭسار ناھىيسدە ئولتۇرۇشلۇق.

  ھاۋالە ۋاكالەتچىسى: گاۋ XX، ئەر، خەنزۇ، 1978- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنى تۇغۇلغان، يىڭسار ناھىيسدە ئولتۇرۇشلۇق.

  مەھكىمىمىز دەۋاگەر ئەXXنىڭ جاۋاپكار XX ناھيىلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى ئۈستىدىن دەۋا قىلغان قۇرلۇش قىلىش توختام ماجىراسى دىلوسىنى 2016- يىلى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە سوتچى ۋە زاستاتىللاردىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ 2016- يىلى 7- ئاينىڭ 11- كۈنى ئوچۇق سوت قىلدى. دەۋاگەر ئەXX، جاۋاپكار XX ناھيىلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ھاۋالە ۋاكالەتچىللرى جوۋ XX ۋە گاۋ XX سوتقا كېلىپ دەۋا پائالىيتىگە قاتناشتى. ھازىر بۇ دىلو سوتلاپ تاماملاندى.

  دەۋاگەر ئەXX ئەرزىدە «مەن 2011- يىلى XX ناھيىلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن توختام ئىمزالاپ، XX ناھيىلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ سۇ قۇدۇقلىرىغا جازا ئورنۇتۇش ۋە سىم تارتىش قاتارلىق قۇرلۇشلىرىنى قىلغان ئىدىم. مەن توختامغا ئاساسەن 2011- يىلى 6- ئايدىن 2012- يىلى 3- ئايغىچە قۇرلۇشنى تاماملاپ، توختامدىكى مەجبۇرىيتىمنى تولۇق ئادا قىلغان بولساممۇ، ئەمما XX ناھيىلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى قۇرلۇش پۇلىدىن قالغان 2226951.12 يۈەننى ھازىرغا قەدەر بەرمىدى. شۇڭا سوت مەھكىمىسى جاۋاپكار XX ناھيىلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدىن؛ 1) قۇرلۇش پۇلىدىن قالغان 2226951.12 يۈەننى ئېلىپ بەرسە. 2) بۇ 2226951.12 يۈەننىڭ 2012- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن سوت ئېچىلغىچە بولغان ئارلىقتىكى ئۆسۈمىنى سوتقا تاپشۇرغان دىلو قۇبۇل قىلىش ھەققى بىلەن قوشۇپ ئېلىپ بەرسە» دىگەن.

  مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، جاۋاپكار XX ناھيىلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى ناھيە تەۋەسدىكى قۇدۇقلارغا جازا ئورنۇتۇش ۋە سىم تارتىش قۇرلۇشىنى XX قەشقەر دىيەنXX چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە شىنجاڭ غەربى دىيار توڭXX توك ئۆزگەرتىش قۇرلۇش چەكلىك شىركىتىگە ھۆددىگە بەرگەن، دىيەن XX چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرلۇش قىلىش جەريانىدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى گو XXغا، شىنجاڭ غەربى دىيار توڭXX توك ئۆزگەرتىش قۇرلۇش چەكلىك شىركىتى قۇرلۇش قىلىش جەريانىدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى لى XXنغا ھاۋالە قىلىپ، XX ناھيىلىك سۇ باشقۇرۇش باش پونكىتىغا ئالاقە ئەۋەرتكەن. گو XX بىلەن لى XX قۇرلۇشنى تولۇق تاماملىمىغانلىقتىن، قۇرلۇشنىڭ داۋامىنى دەۋاگەر ئەXX تاماملىغان بولسىمۇ، ئەمما قۇرلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋىلىشتا كېتەرلىك ماتىرياللار تولۇق بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن تەرەپلەر ئوتتۇرسىدا دەۋا شەكىللەنگەن. توختام بويىچە قۇرلۇش پۇلىنى XX ناھيىلىك سۇ باشقۇرۇش باش پونكىتى شىنجاڭ قەشقەر دىيەن XX چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە شىنجاڭ غەربى دىيار توڭXX توك ئۆزگەرتىش قۇرلۇش چەكلىك شىركىتىگە بېرىدىغان بولۇپ، دەۋاگەر ئەXX بىلەن XX ناھيىلىك سۇ ئىشلار ئىدارىسى ياكى XX ناھيىلىك سۇ باشقۇرۇش باش پونكىتى ئوتتۇرسىدا توختام بولمىغان ئەھۋالدا، دەۋاگەر ئەXXنىڭ قۇرلۇش پۇلىنى بىۋاسىتە تەلەپ قلىشى قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس. دىمەك دەۋاگەر ئەXX مەزكۇر دىلودا دەۋاگەرلىك سالاھىيتىنى ھازىرلىمىغان. شۇڭا دەۋاگەر ئەXXنىڭ ئەرزىنى رەت قىلىش كېرەك، دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جەمھۇرىيتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 119- ماددىسىدىكى بەلگۈمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە كېسىم قىلىدۇ:

  دەۋاگەر ئەXXنىڭ ئەرزى رەت قىلىندى.

  دەۋاگەر ئەXX ئالدىن تاپشۇرغان دىلو قۇبۇل قىلىش ھەققى 11608 يۈەن، دەۋاگەر ئەXXگە قايتۇرۇپ بېرلىدۇ.

  بۇ كېسىمگە قايىل بولمىغان تەرەپ كېسىمنامە يەتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بەرسە بولدۇ. يازمىچە نارازىلىق ئەرىز بەرگەندە، نارازىلىق ئەرىزنىڭ ئەسلى نۇسخسىدىن بىر پارچە، كۆچۈرۈلمىسىدىن ئالتە پارچە تاپشۇرىشى لازىم.

                باش سوتچى: ھەسەنجان ئوبول

                  سوتچى: دىڭ چىن خۈي

                 زاستاتىل: روزى مەمەت

              2016- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنى

                پۈتۈكچى: ئالىمجان ئىسلاھات

                تەرجىمان: ئارزىگۇل توختى

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆英吉沙县人民法院
关闭窗口
立案咨询:0998-3623669   信访咨询:0998-3623669   投诉举报:0998-3629969   地址:英吉沙县色提力路19号   邮编:844500  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2