添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置: 维文裁判文书 -> 民事文书

(2015) ي ھ د 758- نومۇرلۇق

2016-09-01 11:50:27


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

يېڭسار ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامسى

                        (2015) ي ھ د 758- نومۇرلۇق

  دەۋاگەر لىي X، ئەر، خەنزۇ، 1959- يىلى 4- ئاينىڭ 14- كۈنى تۇغۇلغان، يىڭسار ناھىيسدە ئولتۇرۇشلۇق.

  جاۋاپكار ئاX، ئەر، ئۇيغۇر، 1967- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى تۇغۇلغان، يىڭسار ناھىيسدە ئولتۇرۇشلۇق.

  مەھكىمىمىز دەۋاگەر لىي Xنىڭ جاۋاپكار ئاX ئۈستىدىن دەۋا قىلغان قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك توختام ماجىراسى دىلوسىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە سوتچى ۋە زاستاتىللاردىن كىڭشمە سوت ئويۇشتۇرۇپ ئوچۇق سوتتا قاراپ چىقتى. دەۋاگەر لىي خو يۈەن ، جاۋاپكار ئاخۇنجان توختى سوتقا كېلىپ دەۋا پائالىيتىگە قاتناشتى. ھازىر بۇ دىلو سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى.

  دەۋاگەر لىي X ئەرزىدە «مەن 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۇنى جاۋابكار ئاXنىڭ G ناھىيە X يېزا S-كەنىت D-مەھەللە تەۋەسىدىكى 1000 كۇۋادىرات مىتر كۆلەمدىكى قوتاننىڭ ئۇستىنى يىپىش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر كىۋادىرىت مىتىرنى130 يۈەندىن ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، قوتان ئىچىگە تۆمۇر رىشاتكا،ئوغۇرلۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ئىشىكى،بىرىكمە پولات دەرىزە قاتارلىق مۇلۇكلەرنى سىتىۋىلىش، ئورنىتىپ بىرىش،پولات قۇرۇلمىلىق ئۆي قۇرۇلىشى قاتارلىق ئىشلارنى 184000 يۈەنگە ھۆددە ئىلىپ ئىش باشلانغاندا 40000 يۈەن بىردىغان،ئىشىنىڭ ئوتتۇرغا كەلگەندە 40000 يۈەن بىرىدىغان،قالغان 104000 يۈەننى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۇنى بىردىغان بولۇپ توختاملاشقان ئىدۇق.مەن توختام بويۇنچە قۇرۇلۇش ئىشىلىرىنى 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۇنى تاماملاپ ئۆتكۇزۇپ بەرگەن ئىدىم.2013-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۇنى جاۋابكار X مىنى ئىزدەپ قوتان ئىچىگە قويلارغا ئوقۇر ياساپ،قوتان ئىچىگە چېتەن رىشاتكا تۇسۇپ بېرىشىمىنى ئىيتىپ مۇشۇ ئىشلارنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن 10000 يۈەن بىرىدىغان بولۇپ ماڭا بىر پارچە ھۆججەت يېزىپ بەرگەن ئىدى.مەن ئۆز مەجبۇرىيتىمىنى ئادا قىلغان بولساممۇ جاۋابكار ئاX 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 30 كۇنى بىرىدىغان 114000 يۈەننى بەرمىدى.مەن نەچچە قىتىم قەشقەردىن يېڭسارغا كىلىپ جاۋابكار ئاXدىن قەرىز پۇلىنى سۇيلىگەندىن كىيىن 2013-يىلى 12-ئايدا 20000 يۈەن پۇل ۋە 4000 يۈەن قىمىمىتىدىكى بادامىنى پۇلغا ھىسابلاپ بەردى،قالغان 90000 يۈەننى سەۋەپ كۆرسىتىپ ھازىرغىچە بەرمىدى.شۇڭا خەلق سوت مەھكىمسى تەكشۇرۇپ جاۋابكار ئاXىدىن ئىش ھەققى،ماتىريال پۇلى قاتارلىققلاردىن قالغان90000 يۈەن، توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى 30000 يۈەن،قەرىز پۇلىنى سۇيلەش جەرياندا چىقىم قىلغان 6410 يۈەن جەمئى 126410 يۈەننى ئىلىپ بەرسە.دەۋا ھەققى ۋە باشقا چىقىملارنى جاۋابكار ئاX ئۇستىگە ئالسا » دىگەن.

جاۋابكار ئاX دەۋاگەر لىي Xنىڭ ئەرزىگە« مەن دەۋاگەر لىي X بىلەن 1000 كىۋادىرات مىتىرلىق قوتاننىڭ ئۇستىنى يىپىش، ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى،قوتان ئىچىگە تۆمۇر رىشاتكا،ئوغۇرلۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ئىشىكى،بىرىكمە پولات دەرىزە قاتارلىقلارنى سىتۋىلىش،ئورنىتىپ بىرىش،پولات قۇرۇلمىلىق ئۆي قۇرۇلىشى قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا توختاملاشقان. مەن قۇرۇلۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن 40000 يۈەن بەرگەن. مەن دەۋاگەر لي Xگە ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ 123000 يۈەن بەردىم.قۇرۇلۇش پۇتكەندىن كىيىن 10 يىلغىچە قۇرۇلۇشىنى رىمۇنىت قىلىپ بىرىغان بولسمۇ دەۋاگەر بىر قىتىممۇ چىقىپ باقمىدى.دەۋاگەر نەخ مەيدانغا چىقىپ قۇرۇلۇشنىڭ ئىش ھەققىنى ھسابلاپ چىقارسۇن.دەۋاگەر ماڭا 1000 كىۋادىرات مىتىر قوتاننىڭ ئۇستىنى يىپىپ بىرىش قۇرۇلۇشنى قىلىپ بەرگەن.ھەر بىر كىۋادىرات مىترنى 130 يۈەندىن ھسابلىساق 130000 يۈەن بولىدۇ.بىرىشقا تېگىشلىك بولسا مەن يەنە 7000 يۈەن بىرىمەن» دەپ جاۋاپ قايتۇرغان.

  دەۋاگەر لىي Xنىڭ سوتقا تاپشۇرغان دەلىل- ئىسپاتلىرى:

1. گۇۋاھچى مەX سوتتىكى گۇۋاھلىق سۆزىدە: دەۋاگەر لىي X بىلەن جاۋابكار ئاXنىڭ قۇرۇلۇش باشلىنشتىن بۇرۇن توختام تۇزۇشكەنلىكى،توختام تۇزۇشتىن بۇرۇن جاۋابكار ئاXىنىڭ دەۋاگەرگە 40000 يۈەن،قۇرۇلۇش ئوتتۇردا 40000 يۈەن،قۇرۇلۇش پۇتكەندىن كىيىن 20000 يۈەن بەرگەنلىكىنى،ئۆزىنىڭ نەخ مەيداندا بارلىقىنى،دەۋاگەر قۇرۇلۇش پۇتۇپ 10 يىلغىچە رىمۇنىت قىلىپ بىردىغانلىقىنى،بەش يىل ئىچىدە دەۋاگەر ئۆزى ماتىرىيال چىقىرىپ رىمۇنىت قىلىپ بىردىغانلىقىنى،بەش يىلدىن كىيىن جاۋابكار ئاXنىڭ ماتىريال چىقارسا رىمۇنىت قىلىپ بىردىغانلىقىنى،2015-يىلى 2-ئايدا دەۋاگەر لىي X بىلەن يېڭسارغا كېلىپ جاۋابكار ئاX بىلەن كۆرۇشكەندىن كىيىن جاۋابكار ئاXىنىڭ زىممىسدىكى پۇلىنىڭ يېرىمىنى 2015-يىلى 4-،5-ئايلاردا بىردىغان، قالغان يېرمىنى 2015-يىلى 6-،7-ئايلاردا بىرىدغان بولۇپ ھۆججەت يېزىپ بەرگەنلىكى، جاۋابكار ئاXنى بىر نەچچە قىتىم كېلىپ ئىزدەپ تاپالمىغانلىقىنى بايان قىلدۇ.

جاۋابكار ئاX گۇۋاھچىنىڭ گۇۋالىق سۆزىنى ئىتىراپ قىلغان بولغاچقا ھەم سوتتا دەلىللەنگەنلىكى ئۇچۈن مەھكىممىز گۇۋاھچى مەXنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنىڭ راسلىقىنى مەئەييەنلەشتۇردۇ.

2.قۇرۇلۇش ھۆددە توختامى: دەۋاگەر لىي X جاۋابكار ئاXىنىڭ 1000 كىۋادىرات مىتر كۆلەمدىكى قوتان ئۇستىنى يىپىپ بىرىدغان بولۇپ،ھەربىر كىۋادىرات مىتىرنى 130 يۈەندىن ۋە ،تۆمۇر رىشاتكا ، ئوغۇرلۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ئىشىكى،پولات قۇرۇلىملىق دەرىزە قاتارلىقلارنى سىتۋىلىپ ئورنىتىپ بىرىش،ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى،پولات قۇرۇلمىلىق ئۆي قۇرۇلىشى قاتارلىق ئىشلارنى قوشۇپ ھىسابلاپ جەمئى 184000 يۈەن دەپ توختاملاشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

جاۋابكار ئاX ئىتىراپ قىلدۇ. مەھكىمىمىز بۇ دەلىل ئىسپاتىنىڭ ئىسپاتلىق كۇچىنى مۇئەييەنلەشتۇردۇ.

3. ئاXىنىڭ دەۋاگەر لىي Xگە يېزىپ بەرگەن ھۆججىتى: جاۋابكار ئاXنىڭ دەۋاگەر لىي Xگە قوتانغا ئوقۇر ياساپ ،قوتان ئىچىگە چېتەن رىشاتكا ئورنىتىپ بىرىشىنى ئىيتىپ مۇشۇ ئىشقا 10000 يۈەن بىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

جاۋابكار ئاX ھۆججەتىنڭ راسلىقىقا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى.لىكىن ئىسپاتلاش نوقتىسىنى ئىتىراپ قىلمايمەن،دەۋاگەر لىي X زىيان تارتىم دىگەن بولغاچقا يېزىپ بەرگەن دىگەن بولسىمۇ ئىسپاتلاش نوقتىسىغا قارىتا سوتتا قارشى دەلىل ئىسپات كۆرستىپ بېرەلمىگەنلىكى،جاۋابكار ئاX ھۆججىتىنىڭ راسلىقىغا قارىتا باشقىچە پىكرىدە بولىمغانلىقى ئۇچۈن مەھكىمىمىز بۇ دەلىل- ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

جاۋابكار ئاXىنىڭ سوتقا تاپشۇرغان دەلىل-ئىسپاتى:

1. بىر پارچە قەرىز ھۆججىتى: 2013 –يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۇنى دەۋاگەر لىي Xنىڭ جاۋابكار ئاXدىن قۇرۇلۇش پۇلىغا قارىتا 123000 يۈەن ئېلىپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

دەۋاگەر لىي X ئىتىراپ قىلدۇ. مەھكىمىمىز بۇ دەلىل ئىسپاتىنىڭ ئىسپاتلىق كۇچىنى مۇئەييەنلەشتۇردۇ.

  سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۇنى دەۋاگەر لىيX جاۋابكار ئاXنىڭ G ناھىيە X يېزا S-كەنىت D-مەھەللە تەۋەسىدىكى 1000 كۇۋادىرات مىتىر كۆلەمدىكى قوتاننىڭ ئۇستىنى يىپىش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر بىر كىۋادىرات مىترىنى 130 يۈەندىن،قوتان تۆمۇر رىشاتكىسى، ئوغۇرلۇقتىن ساقلىنىش ئىشىكى،پولات بىرىكملىق دەرىزە،رەڭلىك پولاتلىق ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىشلارنىڭ ئەمگەك كۇچى ۋە ماتىرياللارنى دەۋاگەر لىي X ئۇستىگە ئالدىغان بولۇپ 184000 يۈەنگە كېلىشىپ، قۇرۇلۇش ھۆددە پۇلدىن 40000 يۈەننى ئىش باشلىغاندا بىرىدىغان، 40000 يۈەننى قۇرۇلۇشىنىڭ يىرىمىنى پۇتتۇرۇپ بولغاندا بىردىغان،قالغان 104000 يۈەننى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۇنى بىرىدىغان، ئەگەر قايتۇرۇشقا تېگىشلىك پۇلىنى ۋاقتىدا قايتۇرىمىسا قالغان پۇلىغا قارىتا كۇنىگە %3 بويۇنچە توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلەيدىغان، دەۋاگەر لىي Xنىڭ قۇرۇلۇش ئىشچللىرى ئىش ئورنىغا كىرگەندە جاۋابكار ئاXنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى، بۇيرۇقىغا بوي سۇنۇشى كېرەكلىكى،جاۋابكار ئاX قۇرۇلۇش سۇپتىگە كاپالەتلىك قىلدىغان، بىخەتەرلىك ئالدىنى ئىلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەكلىكى،دەۋاگەر لىيX 5 يىل ئىچىدە قوتان قۇرۇلۇشى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولسا ماتىريال ،ئىش ھەققى قاتارلىق چىقىملارنى ئۇستىگە ئېلىپ رىمۇنىت قىلىپ بىرىدغان،كىيىنكى 5 يىل ئىچىدە قوتان قۇرۇلۇشى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولسا جاۋابكار ئاX ماتىريال ،ئىش ھەققى چىقىرىپ بەرسە دەۋاگەر لىي X رىمۇنىت قىلىپ بىرىدىغان، ياققان قار 40 سانتىمىتر دائىرىسى بولۇپ قۇرۇلۇش سۇپتىدە مەسلە كۆرۇلسە دەۋاگەر لىي X ئۇستىگە ئېلىپ رىمۇنىت قىلىپ بىرىدىغان، تەبئى ئاپەت يۇز بەرسە ياكى ياققان قار 40 سانتىمىتىردىن يۇقىرى بولۇپ مەسلە كۆرۇلسە دەۋاگەر لىي X ئۇستىگە ئالمايدىغان بولۇپ ھۆددىگەرلىك توختىمى تۇزۇشكەن.دەۋاگەر لىي X توختام بويۇنچە قۇرۇلۇشىنى 2013-يىلى 9-ئايدا پۇتتۇرۇپ جاۋابكار ئاXغا ئۆتكۇزۇپ بەرگەن.جاۋابكار ئاX قۇرۇلشىنى ئۆتكۇزۋىلىپ پايدىلانغان. 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۇنى جاۋابكار ئاX توختام بوينچە 123000 يۈەننى دەۋاگەر لىي Xگە بەرگەن، 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۇنى جاۋابكار ئاX دەۋەگەر لىي Xگە قوتانغا ئوقۇر ياساپ بىرىش، قوتانغا تۆمۇر رىشاتكىلىق چىتەن ياساپ بىرىشكە 10000 يۈەن بىرىدىغان «بۇ پۇلىنى توختام ئىچىدىكى پۇلغا قوشۇپ بىرىمەن » دەپ ھۆججەت يېزىپ بەرگەن . دەۋاگەر لىي X جاۋابكار ئاXنىڭ قوتىنىغا 23062 يۈەنلىك ئوغۇرلۇقتىن ساقلىنىش ئىشكى،پولات بىرىكمىلىق دەرىزە قاتارلىق نەرسىلەرنى سىتۋىلىپ جاۋابكار ئاXنىڭ قوتىنغا ئىشلەتكەنلىكى ھەم يۇقارقى مۇلۇكلەرنى سىتۋىلىشقا كەتكەن پۇل توختامدىكى ئومۇمى پۇل سوممىسى ئىچىدە ئىكەنلىكى،دەۋاگەر لىي X جاۋابكار ئاXنى بىر قانچە قىتىم ئىزدەپ قالغان پۇلىنى سۇيلىگەن بولىسمۇ جاۋابكار ئاX قالغان پۇلىنى سەۋەپ كۆرسىتىپ ھازىرغىچە بەرمىگەنلكى ئىنىقلاندى.

مەزكۇر دىلودىكى تالاش- تارتىشنىڭ تۈگۈنى دەۋاگەر لىي Xنىڭ جاۋابكار ئاXدىن 126410 يۈەننى تەلەپ قىلىشنىڭ ئاساسى بارمۇ- يۇق ؟ دىگەندىن ئىبارەت .

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: سوت قىلىپ ئىنىقلانغان پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا تەرەپلەر ئوتتۇرسىدا تۇزۇلگەن قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك توختامى تەرەپلەرنىڭ ئۆز ئىرادىسىنى ئىپادىلگەن. قانۇن بويۇنچە ۋۇجۇدقا چىققان توختام قانۇن تەرپىدىن قوغدىلدۇ. دەۋاگەر لىي X توختام بويۇنچە قۇرۇلۇشىنى پۇتتۇرۇپ جاۋابكار ئاXغا ئۆتكۇزۇپ بەرگەن. جاۋابكار ئاX قۇرۇلۇشىنى ئۆتكۇزۋىلىپ ئۆزى پايدىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ توختام بويۇنچە قايتۇرۇشقا تېگىشلىك قۇرۇلۇش پۇلدىن 61000 يۈەننى ۋاقتىدا بەرمىگەن.بۇ قانۇنىدىكى سەمىمىي بولۇش،لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىقا خىلاپ. شۇڭا دەۋاگەر لىي Xنىڭ قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك توختىمى بويۇنچە جاۋابكار ئاXدىن يۇقارقى پۇلىنى تەلەپ قىلىشنىڭ دەلىل-ئىسپاتى تولۇق،پاكىت ئاساسى بار،قوللاشقا بولىدۇ.

10000 يۈەن مەسلىسىدە؛ جاۋابكار ئاX دەۋاگەر لىي Xگە يېزىپ بەرگەن 10000 يۈەننىڭ ھۆججىتنى جاۋابكار ئاX قوتانغا ئوقۇر ياساپ بېرىش،قوتانغا تۆمۇر رىشاتكىلق چېتەن ياساپ بىكىتىپ بەرگەندىن كىيىن توختام ئىچىدىكى پۇلغا يەنە 10000 يۈەن قوشۇپ بىرىدىغان بولۇپ ھۆججەت يېزىپ بەرگەن.ھەم يۇقارقى ھۆججەتىنى جاۋابكار ئاX ئېتىراپ قىلغان،سوتتا دەلىللەنگەن بولغاچقا دەۋاگەر لىي Xنىڭ بۇ پۇلىنى جاۋابكار ئاXدىن تەلەپ قىلىشنىڭ پاكىت ئاساسى بار،قوللاشقا بولىدۇ.

توختامغا خىلاپىلىق قىلىش پۇلى 30000 يۈەن مەسلىسىدە: تەرەپلەر توختام ئىمزالىغان ۋاقىتتا قۇرۇلۇش پۇلدىن قالغان پۇلىنىڭ كۇنىگە %3 بويۇنچە توختامغا خىلاپىلىق قىلىش پۇلى تۆلەش توغۇرلۇق پۇتۇشكەن بولسىمۇ،بۇ سومما يۇقىرى بولۇپ كەتكەن.شۇڭا بۇنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ جۇڭگۇ خەلق بانكىسىنىڭ بانكا قەرىز پۇل ئۆسۇم نىسبىتى بويۇنچە ھىسابلاش مۇۋاپىق. توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىنى جۇڭگۇ خەلق بانكىسىنىڭ 2015-يىلدىكى بانكا قەرىز پۇلنىڭ يىللىق ئۆسۇمى %4.9 بويۇنچە 61000 يۈەننىڭ بانكا ئۆسۇمى 4903 يۈەننىڭ تۆت ھەسسى بويۇنچە 19612 يۈەننى جاۋابكار ئاX دەۋاگەر لىي Xگە تۆلىشى كېرەك.

ئوغۇرلۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ئىشىكى، پولات بىرىكملىق دىرىزە قاتارلىققلارنىڭ پۇلى 23062 يۈەن مەسلىسىدە؛ يۇقارقى مۇلۇكلەرنى دەۋاگەر لىي X ئۆز يىندىن پۇل چىقىرىپ سىتۋىلىپ جاۋابكار ئاXنىڭ قوتىنىغا ئورنىتىپ بېرىش ئۇچۈن ئىلىپ كەلگەنلىكى راسىت بولسىمۇ .لىكىن بۇ پۇل تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى ھۆددىگەرلىك توختىمىدا پۇتۇشكەن 184000 يۈەننىڭ ئچىدىكى پۇل دەپ بىكىتىشكە بولىدۇ.شۇڭا دەۋاگەر لىي Xنىڭ بۇ پۇلىنى جاۋابكار ئاXدىن تەلەپ قىلىشنىڭ پاكىت ئاساسى يوق قوللاشقا بولمايدۇ رەت قىلىش كېرەك.

دەۋاگەر لى Xنىڭ سوتقا تاپشۇرغان جاۋابكار ئاXدىن پۇل سۇيلەش جەرياندا قەشقەردىن يېڭسارغا كېلىپ 4290 يۈەنلىك 143 پارچە قاتناش كىرا بېلىتى ۋە 5 پارچە شوپۇرنىڭ يېزىپ بەرگەن ئىسپاتىنى (سوممىسى 3000 يۈەن) جەمئى 7290 يۈەننى جاۋابكار ئاX قىلغان بولسىمۇ ئىسپاتىنى يېزىپ بەرگەن شوپۇرلار سوتقا كىلىپ گۇۋاھلقتىن ئۆتىشى كېرەك ئىدى، لىكىن سوتقا كېلىپ گۇۋاھلقتىن ئۆتىمگەن بولغاچقا،ھەم 4290 يۈەنلىك قاتناش كىرا بېلىتىنىڭ ۋاقىتى ئۆز-ئارا ماس كەلمىگەن بولغاچقا قاتناش كىرا پۇلىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا تىگىشلىك دەپ قاتناش كىراسىنى 900 يۈەن دەپ بىكىتىسەك مۇۋاپىق. جاۋابكار ئاXنىڭ 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۇنى دەۋاگەر لىي Xگە قۇرۇلۇش پۇلدىن 65000 يۈەن ئەتىراپىدا پۇل قالغانلىقىنى توغرىسىدا يېزىپ بەرگەن ھۆججتىنى دەۋاگەر لىي X ۋە جاۋابكار ئاX 65000 يۈەندىن 61000 يۈەننى بىكىتپ بىرىش پىكرىىنى ئوتتۇرغا قويغاچقا مەھكىممىز بۇ دەلىل ئىسپاتتىكى پۇلىنىڭ 61000 يۈەننى مۇئەييەنلەشتۇردۇ .بۇدىلونىڭ دىلو خاراكتىرىنى ئەل-ئارا قەرىز ماجىراسى دەپ بىكىتىسەك بولمايدۇ،چۇنكى دەۋاگەر دەۋا تەلپىدە ئوتتۇرغا قويغان دەۋا تەلەپلىرى تەرەپلەر ئوتتۇرسىدا تۇزۇلگەن قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك توختىمى ئاساسىدا شەكىللەنگەن.شۇڭا بۇدىلونىڭ خاراكتىرىنى قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك توختام ماجىراسى دەپ بىكىتىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ«جوڭخو خەلق جۇمھۇرىيتى ھەق-تەلەپ قانۇن ئومۇمى قائىدىسى» نىڭ 106-ماددىسى،«جوڭخو خەلق جۇمھۇرىيتى توختام قانۇنى» نىڭ 44-ماددا1-تارمىقى، 61 - ماددىسى، 107- ماددىسى، 109 -ماددىسى 114-ماددىسى، 251-ماددىسى، 263- ماددىسى،269-ماددا 1-تارمىقى،287-ماددىسى، ئالي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى توختام قانۇننى تەدبىقلاش توغرىسىدىكى بىر قانچە مەسلە تۇغرىسىدىكى ئىزاھاتى (2)» نىڭ 29- ماددىسى، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «ھەق تەلەپ دەۋا دەلىل- ئىسپاتى توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلمىسى» نىڭ 2- ماددىسىدىكى بەلگۈلمىلەرگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىدۇ:

1.جاۋابكار ئاX مەزكۇر ھۆكۈم قانۇنى كۇچىگە ئىگە بولغاندىن كىيىنكى بىر ئاي ئىچىدە دەۋاگەر لىي Xگە 71000 يۈەن، توختامغا خىلاپىلىق قىلىش پۇلى 19612 يۇەن،قەرىز سۇيلەش جەرياندا چىقىم قىلغان 900 يۈەن جەمئى 91512 يۈەننى بەرسۇن.

2.دەۋاگەر لىي Xنىڭ باشقا دەۋا تەلەپلىرى رەت قىلىنسۇن.

دىلو قۇبۇل قىلىش ھەققى 2828 يۈەننى جاۋابكار ئاX ئۈستىگە ئېلىپ تۆلىسۇن.

مەزكۇر ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ. نارازلىق ئەرز بەرگەندە، يازما نارازلىق ئەرزنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر پارچە، كۆچۈرۈلمىسىدىن 4 پارچە تاپشۇرىشى لازىم.

باش سوتچى؛ تۇرغۇنجان نۇردۇن

مۇۋەققەت سوتچى: مۇساجان ئابا

زاستاتىل: شايۇسۇپ قۇتبىدىن

          2016- يىلى 1- ئاينىڭ 8- كۈنى

پۈتۈكچى: مەمەترىيىم مەمەتئىمىن

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆英吉沙县人民法院
关闭窗口
立案咨询:0998-3623669   信访咨询:0998-3623669   投诉举报:0998-3629969   地址:英吉沙县色提力路19号   邮编:844500  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2