添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置: 维文裁判文书 -> 民事文书

(2015) ي ھ د 393- (2) نومۇرلۇق

2016-09-01 11:51:45


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

يېڭسار ناھيىلىك خەلق سوت مەھكمىسىنىڭ

ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

                     (2015) ي ھ د 393- (2) نومۇرلۇق

داۋاگەر شxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1963-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى 653123196303070032، تىجارەتچى، يىڭسار ناھيە بازارلىق ھۆكمەت 9-ئاھاللار كومتىتى 6-مەھەللىدە ئولتۇرشلۇق.

جاۋاپكار ئاxx، ئەر، ئۇيغۇر، 1966-يىلى 8-ئاينىڭ 4- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى 653123196608040619، يېڭسار ناھيە بازارلىق ھۆكمەت ئوردا ئالدى ئاھاللار كومتىتى 7-مەھەللىدە ئولتۇرشلۇق.

  مەھكىمىمىز دەۋاگەر شxx نىڭ جاۋاپكار ئاxx ئۈستىدىن دەۋا قىلغان ئەل ئارا قەرىز ماجىراسى دىلوسىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە سوتچى ۋە زاستاتىللاردىن كېڭشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ ئوچۇق سوتتا قاراپ چىقتى. دەۋاگەر شxx جاۋابكار ئاxx سوتقا كېلىپ دەۋا پائالىيتىگە قاتناشتى ھازىر بۇ دىلو سوت قىلىنىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى. 

دەۋاگەر شxx ئەرزىدە « جاۋاپكارئاxx قەشقەر گۆھەر زىمىن قۇرلۇش شىركىتىدىن يېڭشەھەر ناھيە ئارال ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قۇرلىشىنى ھۆددە ئالغان بولۇپ بۇ قۇرلۇشنى قىلىش جەرياندا جاۋاپكار ئاxx مەن بىلەن ئۆز-ئارا يازمىچە ھۆججەت شەكىللەندۇرۇپ، گۆھەر زىمىن قۇرلۇش شىركىتىدىن قۇرلۇشنىڭ پۇلىنى مەن جاۋاپكار ئاxx بىلەن بىللە بېرىپ ئېلىپ بىرشم ئۈچۈن ماڭا ئىش ھەققى بېرشكە كىلشكەن. قەشقەر گۆھەر زىمىن شىركىتى ماڭا تxx نامىدا 260000 يۇەن قەرىز ئېلىپ بۇ پۇلنى جاۋاپكار ئاxxغا بەردىم. جاۋاپكار ئاxx بۇ پۇل بىلەن قۇرلۇشنى پۇتكۇزگەن بولسىمۇ، ئەمما گۆھەر زىمىن شىركىتى بىلەن ھېساۋات قىلمىغانلقتىن مىنىڭ گۆھەر زىمىن شىركىتىگە يىزىپ بەرگەن ھۆججىتىمگە ئاساسەن، تxx يېڭسار ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسگە ئەرىز قىلغاندىن كىيىن، يىڭسار ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى (2013) ي ھ د 719-نومۇرلۇق ھەق- تەلەپ ھۆكۈمنامسى ئارقىلىق 260 مىڭ يۇەن قەرىز پۇلنىڭ دىرى ۋە خىلاپلىق قىلىش پۇلى 60000 يۇەننى قوشۇپ جەمئى 320 مىڭ يۇەننى تۇرغۇن ئابدۇرھىمغا قايتۇرۇش، دىلو قۇبۇل قىلىش ھەققى 5200 يۇەننى مىنىڭ ئۈستىمگە ئىلىپ تۆلىشىمگە ھۆكۈم قىلدى. بۇ پۇلغا قارىتا 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى جاۋاپكار ئاxx ‹ شxx تxx غا بىرىدىغان 320000 يۇەننى مەن قايتۇرمەن› دەپ ھۆججەت يىزىپ بەرگەن تۇرۇقلۇق پۇلنى ھازىرىغا قەدەر بەرمىدى، 2013-يىلى 2-ئايدا جاۋاپكار ئاxx مەندىن قۇرلۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن 80820 يۇەن قەرىز ئېلىپ 50000 يۇەننى بەرگەن بولىسمۇ، ئەمما قالغان 30820 يۇەننى قايتۇرۇپ بەرمىدى. شۇڭا سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ؛ 1. 320000 يۇەن پۇلنى ۋە جاۋاپكار ئاxxنىڭ پۇلنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك سەۋەبىدىن (2013) 719- نومۇرلۇق ھەق تەلەپ ھۆكۈمدە مېنىڭ ئۈستۈمگە ئېلىشىمغا بۇيرۇلغان داۋا ھەققى 4700 يۇەننى قوشۇپ جاۋاپكار ئاxxدىن ئېلىپ بەرسە. 2. جاۋاپكار ئاxx مەندىن قەرىز ئالغان 30820 يۇەننى ئۆسمى بىلەن قوشۇپ ئىلىپ بەرسە. 3. مېنىڭ ماشىنامنى ئاxx ئىككى ئاي ئىشلەتتى كۈنلىكىگە 400 يۇەندىن ھېساپلاپ 24000 يۇەن ئېلىپ بەرسە. 4. دەۋا ھەققى ۋە باشقا چىقملارنى جاۋاپكارئاxx ئۈستىگە ئىلىپ تۆلسە» دىگەن.

جاۋاپكار ئاxx داۋاگەر شxxنڭ ئەرزىگە« شxx قۇرلۇش قىلىش جەرياندا شىركەت بىلەن بولغان ئېلىم-بېرمنى ۋاقتىدا قىلىپ بەرمەي ماڭا ئىقتىسادى جەھەتتىن زىيان سالدى. مەن شxxنىڭ ماشىنىسىنى ئىشلەتكەن ۋاختىمدا ماي قاچىلاپ بەرگەن. شۇڭا مەن شxxنىڭ بارلىق داۋا تەلۋىنى رەت قىلمەن» دەپ جاۋاپ قايتۇرغان.

دەۋاگەر شxxنىڭ سوتقا تاپشۇرغان دەلىل- ئىسپاتلرى:

1. دەۋاگەر شxx بىلەن جاۋاپكار ئاxx ئوتتۇرسىدا 2010- يىلى 6- ئاينىڭ 19- كۈنى تۈزۈلگەن ھۆججەت: دەۋاگەر شxxنىڭ گۆھەر زىمىن شىركىتىدىن يېڭشەھەر ناھيە ئارال ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ياتاق بىناسىنىڭ قۇرلۇشىنى ھۆددە ئېلىپ ئۆتۈنۈپ بەرگىنىگە قارتا ۋە قۇرلۇش قىلىش جەريانىدا دەۋاگەر شxx نىڭ گۆھەر زىمىن شىركىتىنىڭ قۇرلۇشنىڭ پۇلىنى ئېلىپ بېرىشكە يارىدەملىشىش جەريانىدىكى ئىش ھەققىگە قارتا جاۋاپكار ئاxx 50000 يۈەن بېرىدىغان بولۇپ پۈتۈشكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

جاۋاپكار ئاxx ئېتراپ قىلدۇ، مەھكىمىمز بۇ ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچنى بېكىتىدۇ.

2. جاۋاپكار ئاxxنىڭ 2012- يىلى 8- ئاينىڭ 25- كۈنى دەۋاگەر شxxغا يېزىپ بەرگەن ئىسپاتى: جاۋاپكارئاxxنىڭ گۆھەر زىمىن شىركىتىدىن قۇرلۇش پۇلىنىڭ %80 تىنى ئېلىپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

جاۋاپكارئاxx ئېتراپ قىلدۇ، مەھكىمىمز بۇ ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچنى بېكىتىدۇ.

3. جاۋاپكار ئاxxنىڭ 2013- يىلى 2- ئاينىڭ 16- كۈنى دەۋاگەر شxxغا يېزىپ بەرگەن ھۆججىتى: ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىگە قارتا بېرىدىغان 50000 يۈەن ۋە قۇرلۇش قىلىش جەريانىدا دەۋاگەر شxx چىقىم قىلغان 30820 يۈەن بولۇپ، جەمئىي 80820 يۈەننى جاۋاپكار ئاxxنىڭ دەۋاگەر شxxغا بېرىدىغان بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

جاۋاپكارئاxx ئېتراپ قىلدۇ، مەھكىمىمز بۇ ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچنى بېكىتىدۇ.

  4. جاۋاپكار ئاxxنىڭ 2013- يىلى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى دەۋاگەر شxxغا يېزىپ بەرگەن ھۆججىتى: دەۋاگەر شxx تۇرغۇنجان ئابدۇرېيىمغا قايتۇردىغان 320000 يۈەننى، جاۋاپكارئاxx دەۋاگەر شxxغا بېرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

جاۋاپكار ئاxx ئېتراپ قىلدۇ، مەھكىمىمز بۇ ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلىق كۈچنى بېكىتىدۇ.

  5. يىڭسار ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ (2013) 719-نومۇرلۇق ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامسى: شxxنىڭ تxx دىن قەرىز ئالغان 260000 يۇەن، توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى 60000 يۇەن، جەمئى 320000 يۇەننى شxx تxx غا تۆلەشكە بۇيرىغانلىقىنى ھەم دىلو قۇبۇل قىلىش ھەققى 5200 يۈەننى شxxنىڭ ئۈستىگە ئالدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

جاۋاپكار ئاxxئېتراپ قىلدۇ، مەھكىمىمز بۇ ھۆكۈمنىڭ ئىسپاتلىق كۈچنى بېكىتىدۇ.

  6. جاۋاپكار ئاxxنىڭ 2014- يىلى 4- ئاينىڭ 10- كۈنى دەۋاگەر شxxغا يېزىپ بەرگەن ھۆججىتى: دەۋاگەر شxx بانكىدىن قەرىز ئالغان 80000 يۈەننى جاۋاپكار ئاxxنىڭ مەسئۇل بولۇپ قايتۇردىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

  جاۋاپكار ئاxx بۇ پۇلدىن 50000 يۈەننى قايتۇرۇپ بولغانلىقىنى، قالغان قىسمىنى ئېتىراپ قىلدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدۇ. دەۋاگەر شxxمۇ 50000 يۈەن قايتۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. مەھكىمىمىز يۇقارقى ھۆججەتتىكى 80000 يۈەندىن 50000 يۈەننى چىقرىۋىتىپ قالغان 30000 يۈەننىڭ ئىسپاتلىق كۈچىنى بېكىتىدۇ.

سوت قىلپ ئېنقلشمىزىچە: قەشقەر گۆھەر زىمىن شىركىتى يېڭشەھەر ناھيە ئارال ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ياتاق بىناسىنىڭ قۇرلىشىنى ھۆددە ئالغاندىن كېيىن، 2012- يىلى 3- ئايدا بۇ قۇرلۇشنى داۋاگەر شxxغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. داۋاگەر شxx بۇ قۇرلۇشنى 50000 يۈەن پايدىسىغا جاۋاپكار ئاxxغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن ھەم دەۋاگەر شxx قەشقەر گۆھەر زىمىن شىركىتدىن قۇرلۇش قىلىش پۇلنى جاۋاپكار ئاxxغا ئېلىپ بېرىدىغان بولغان. جاۋاپكار ئاxx قۇرلۇش قىلىش جەريانىدا، قۇرلۇش قىلىشقا كېتەرلىك مەبلەغ جەھەتتە قىينىلىپ قالغانلىقتىن، داۋاگەر شxx 2012- يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنى تۇرغۇن ئابدۇرېيىمدىن 260000 يۈەن قەرز ئالغان ھەمدە بۇ پۇلنى 40 كۈن ئىچىدە قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، ئەگەر ۋاختىدا بېرەلمىسە بانكىنىڭ يۇقرى نىسبەتتىكى ئۆسىمىنى تۆلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆججەت يېزىپ بەرگەن. پۇل قايتۇرش ۋاختى توشقاندىن كېيىن، تxx پۇلنى سۈيلىگەندە قۇرلۇش ھىساۋاتى ئاخىرلاشمىغانلىقى ئۈچۈن داۋاگەر شxx پۇلنى قايتۇرپ بېرەلمىگەن. 2013- يىلى 2- ئاينىڭ 6- كۈنى داۋاگەر شxx «مەن تۇرغۇنجاندىن 260000 يۈەن قەرز ئالدىم، بۇ پۇلنى 10- 30 كۈنگىچە بىرمەن، ئەگەر ۋاختىدا بېرەلمىسەم %30 بويىچە خىلاپلىق قىلىش پۇلى يەنى 60000 يۈەن تۆلەيمەن» دەپ تxx غا قەرز ھۆججىتى يېزىپ بەرگەن. جاۋاپكار ئاxxنىڭ قۇرلۇش پۇلنى ۋاقتىدا ئالالماسلىقى سەۋەبىدىن داۋاگەر شxx قەرز قايتۇرش ۋاختى توشقاندىن كېيىنمۇ، تxx دىن قەرز ئالغان پۇلنى قايتۇرمىغانلىقىتىن، تxx نىڭ سوتقا ئەرىز قىلىش بىلەن مەھكىمىمىز (2013) 719-نومۇرلۇق ھەق-تەلەپ ھۆكۈمنامسى ئارقىلىق داۋاگەر شxxنىڭ تxxدىن قەرىز ئالغان پۇلنىڭ دىرى 260000 ، خىلاپلىق قىلىش پۇلى 60000 يۇەن جەمئى 320000 يۇەننى دىلو قۇبۇل قىلىش ھەققى 5200 يۈەن بىلەن قوشۇپ تxxغا قايتۇرشقا بۇيرۇلغان. داۋاگەر شxx جاۋاپكار ئاxxغا بۇ پۇلىنى قايتۇرشىنى ئېيتقاندا جاۋاپكار ئاxx 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى « شxx تxxغا قايتۇردىغان 320000 يۇەن پۇلنى مەن بېرىمەن» دەپ ھۆججەت يىزىپ بېرىپ پۇلنى ھازىرغىچە قايتۇرمىغان.

جاۋاپكار ئاxx 2013- يىلى 2- ئاينىڭ 16- كۈنى دەۋاگەر شxxغا 80820 يۈەن بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆججەت يېزىپ بېرىپ پۇلنى ۋاختىدا بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، جاۋاپكارئاxx يۇقارقى پۇلنى ئاساس قىلىپ 2014- يىلى 4- ئاينىڭ 10- كۈنى دەۋاگەر شxxغا « شxx يېڭسار ناھيىلىك ئامانەت قەرز كوپراتىۋىدىن قەرىز ئالغان 80000 يۈەننى مەن قايتۇرمەن» دەپ ھۆججەت يېزىپ بېرىپ 50000 يۈەن قايتۇرغان بولسىمۇ، قالغان 30820 يۈەننى قايتۇرمىغانلىقى ئېنىقلاندى.

مەزكۇر دىلودىكى تالاش تارتىشنىڭ تۈگۈنى1. داۋاگەر شxx جاۋاپكار ئاxxدىن تەلەپ قىلۋاتقان 379520 يۇەننى جاۋاپكار ئاxx قايتۇرشقا تېگشلىكمۇ- ئەمەسمۇ؟ دىگەندىن ئىبارەت.

مەھكمىمىز مۇنداق قارىدى: قانۇنلۇق ھەقدارلىق قەرزدارلق مۇناسىۋىتى قانۇن بويىچە قوغدىلدۇ، سوت قىلپ ئېنقلانغان پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا جاۋاپكار ئاxx سوت ئۈستىدە داۋاگەر شxx غا ئىككى قېتىم قەرىز ھۆجىجتى يېزىپ بېرىپ 400820 يۈەننى بېرىدىغان بولغانلىقىنى، بۇ پۇلغا قارتا 50000 يۈەن بېرىپ يەنە 350820 يۈەننىڭ زىممىسىدە قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇڭا دەۋاگەر شxxنىڭ جاۋاپكار ئاxxدىن 350820 يۈەننى تەلەپ قىلىشنىڭ دەلىل- ئىسپاتى تولۇق قوللشقا بولدۇ. سوت ئۈستىدە دەۋاگەر شxx جاۋاپكار ئاxx قايتۇرۇشقا تېگىشلىك 30820 يۈەننى ئۆسىمىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تەرەپلەر ئوتتۇرسىدا 2014- يىلى 4- ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا؛ دەۋاگەر شxx بۇ پۇلنى بانكىدىن قەرىز ئالغانلىقى توغرىسىدىكى تالۇن ياكى قەرىز توختامىنى سوتقا تاپشۇرمىدى ھەم بۇ پۇل بانكىغا قايتۇرۇلدىمۇ يوق، بۇ تەرەپلەر سوتتا ئىسپاتلانمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەۋاگەر شxx ئۆسۈمنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لىكىن تەلۋى كونكىرىتنى ئېنىق ئەمەس. شۇڭا دەۋاگەر شxxنىڭ «جاۋاپكار ئاxx 30820 يۈەننىڭ ئۆسىمىنى بەرسۇن» دىگەن تەلۋىنى قوللاشقا بولمايدۇ، رەت قىلىش كېرەك. دەۋاگەر شxx تxx دىن 260000 يۈەن قەرز ئېلىپ جاۋاپكار ئاxx نىڭ قۇرلۇشقا ئىشلىتىشى ئۈچۈن چىقىم قىلغان بولۇپ، قۇرلۇش ھىساۋاتىنىڭ ۋاختىدا ئاخىرلاشماسلىقى سەۋەبىدىن دەۋاگەر شxx بۇ پۇلنى تxx غا قايتۇرالماي 60000 يۈەن خىلاپلىق قىلىش پۇلى ۋە 5200 يۈەن دىلو قۇبۇل قىلىش ھەققىنى قوشۇپ تۆلىگەن. دەۋاگەر شxxنىڭ دىلو قۇبۇل قىلىش ھەققىنى جاۋاپكار ئاxx دىن تەلەپ قىلىشى يوللۇق قوللاشقا بولدۇ. لىكىن دەۋاگەر شxx بۇ 5200 يۈەندىن 4700 يۈەننى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئۈچۈن، مەھكىمىمىز دەۋاگەر شxxنىڭ 4700 يۈەنلىك دەۋا تەلۋىنى قوللايدۇ.

داۋاگەر شxx نىڭ «مەن جاۋاپكار ئاxx بىلەن يىڭشەھەر ناھيە ئارال ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قۇرلۇشنى قىلىش ئۈچۈن ماشىنامنى ئىككى ئاي ئىشلەتتىم ماشننىڭ كۈنلىكىنى 400 يۇەندىن ھېساپلاپ 24000 يۇەننى جاۋاپكار ئاxx تۆلسۇن» دىگەن تەلۋىگە قارتا سوتنى يېتەرلىك دەلىل- ئىسپات بىلەن تەمنلەپ بېرەلمىدى، شۇڭا دەۋاگەر شxx دەلىل- ئىسپات كۆرستەلمەسلكتىن كېلىپ چققان پايدىسز ئاقۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولۇش لازىم، دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمى قائىدىسى» نىڭ 90-ماددىسى، 108-ماددىسى، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا دەلىل- ئىسپاتى توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگۈلمىسى》نىڭ 2- ماددىسىدىكى بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلدۇ:

1. جاۋابكار ئاxx مەزكۇر ھۆكۈم كۇچىگە بولغاندىن كىيىنكى بىر ئاي ئىچىدە دەۋاگەر شxxغا 350820 يۈەننى قايتۇرسۇن.

ئەگەر جاۋاپكار ئاxx يۇقارقى پۇلنى بەلگۈلەنگەن ۋاقىتتا قايتۇرمىسا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 253- ماددىسىدىكى بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن، كېچىكتۈرگەن مەزگىلدىكى ئۆسۈمىنى ھەسسىلەپ تۆلەيدۇ.

2. داۋاگەرشxxنىڭ باشقا داۋا تەلەپلرى رەت قېلنسۇن.

  دىلو قۇبۇل قىلىش ھەققى 7033 يۈەندىن 6633 يۇەننى جاۋابكار ئاxx ئۈستىگە ئالسۇن، قالغان 400 يۇەننى داۋاگەر شxx ئۈستىگە ئىلىپ تۆلسۇن.

مەزكۇر ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ، ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە، مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازلىق ئەرز بەرسە بولىدۇ. نارازلىق ئەرز بەرگەندە، يازما نارازلىق ئەرزنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىن بىر پارچە، كۆچۈرۈلمىسىدىن 6 پارچە تاپشۇرىشى لازىم.

باش سوتچى: ھەسەنجان ئوبۇل

سوتچى: چولپانگۇل ئابلىمىت

زاستادىل: ئوبلاشىم مەمەت

2016- يىلى 1 - ئاينىڭ 7- كۈنى

پۈتۈكچى: مەمەترىيىم مەمتىمىن

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆英吉沙县人民法院
关闭窗口
立案咨询:0998-3623669   信访咨询:0998-3623669   投诉举报:0998-3629969   地址:英吉沙县色提力路19号   邮编:844500  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2